ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقئەرلەر---جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىنىلا ئۆلچەم قىلىۋالماڭ

ئەرلەر—جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىنىلا ئۆلچەم قىلىۋالماڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەلپكارلىقى ئاساسلىقى يېتىلگەن مىجەز-خاراكتېرى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان كەڭ قورساقلىقى ۋە ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇر، قىزغىنلىقىدا بولىدۇ بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيلىنىشىگە دىققەت قىلماي، ھە دېسىلا جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىغىلا كۆڭۈل بۆلسە ياكى لاپ ئۇرسا، ئەرلەر كۈيلەش مەزگىلىدىكى بەزى ھايۋانلارغىمۇ مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ بۇ ئۆزىنى پەسلەشتۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟—بوغدا دوختۇرخانىسى

قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ئېتىز بېشىدا تاماق يەپ بولۇپ ئارام ئالغاندا دائىم ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، ھەمىشە ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى تېما قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن پو ئېتىشىپ قول باغلىشىدۇ. ھەربىر جۇڭگولۇق دېگۈدەك ھېچبولمىغاندىمۇ بىر قېتىم پالانچى، پوكۇنچى ئانداق يامانكەن، مۇنداق يامانكەن، بىر كۈندە مانچە قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلىدىكەن، دېگەننى ئاڭلىغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئەرلەر ئارىسىدا بىر خىل جامائەت پىكرى شەكىللىنىپ، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇ ئەرنىڭ شۇنچە لاياقەتلىك بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك سانالدى؛ ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ شۇنچە رازى، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ، دەپ قارالدى. ئەكسىچە، قېتىم سانى ئازراق ئەرلەر «خوتۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ» دېيىلدى، «ئەرلەرگە خاس جەسۇرلۇق يوق» دەپ قارالدى.

ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى خوتۇنلار بۇنداق قارىمايدۇ.

ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنى سېلىشتۇرغاندا، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى 9721 نەپەر (نىكاھلانغانلارنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا) (تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەكشۈرۈشتىن كەلگەن87 (ئايال جىنسىي تۇرمۇشقا ئەمەس ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. نوقۇل جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتى (خوتۇننىڭ ئۇنىڭدىن قانچىلىك جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ئېرىشىدىغانلىقى) نى سېلىشتۇرغاندا، 18 خوتۇن جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكىنى ئەمەس سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمۇ «قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى» بولىۋەرمەيدۇ، 35ياشتىن 45 ياشقىچە ئەرلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن ئارتۇقى ئۆزىنىڭ جىنسىي تەلىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاستا-ئاستا ئۆزگەرگەنلىكىنى، قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن سۈپەتلىك بولۇشىنى قوغلىشىشقا ئۆزگىرىپ، تېخىمۇ ھەقىقىي ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. يېڭى توي قىلغان شىرىن ئايدىمۇ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى گەرچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئوتتەك قىزغىن ھېسسىيات ۋە مۇھەببەت سىڭدۈرۈلمىسە، يەنىلا زېرىكىشلىك بولىدۇ.

دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەر كۆزقاراش جەھەتتە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئەر-خوتۇنىڭ ماسلىشىشىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسىي ئۆلچەم ھەتتا بىردىنبىر ئۆلچەم دەپ قارايدىغان بولسا، ھەرىكەت جەھەتتە 2 سەۋەنلىك سادىر قىلىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.

بىرى، ئۇ خوتۇننىڭ ھېسسىيات تەلىپىگە سەل قارىشى ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرقاتار بەدەن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا، ئۆزىنىڭ «جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى»نى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشنى مەجبۇرىي، قوپال ئۆتكۈزۈپ، نەتىجىدە خوتۇننىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ. قىسقىسى، ئۇنىڭدا <<جىنسىيەت>> كۆپ بولسىمۇ، مۇھەببىتى ئاز بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ پسىخىك يۈكنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. يېشى چوڭايغان ياكى تاسادىپىي ھالدا ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققان ھامان، ئۆزىنىڭ قارىشىدىكى كۆپ قېتىم سانىنى ساقلىيالمىسا، ئۆزىنىڭ «جىنسىي ئاجىزلىق»، «بالدۇر مەنىي كېتىش» تەك «كېسەل»گە گىرىپتار بولدۇممىكى دەپ گۇمان قىلىدۇ، «خوتۇنىغا يۈز كېلەلمەسلىك»تىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل قەدىر-قىممىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىدىن گۇمانلىنىدۇ ياكى ئۈمىدسىزلىنىدۇ. نەتىجىدە قانچە تىرىشقانسېرى تاسادىپىي ئەھۋالغا شۇنچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاساسەن فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال ۋە يېشى بەلگىلەيدۇ، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر ئەرنىڭ ھاياتىدا دېگۈدەك بەزى مەزگىلدە ئاز، يەنە بەزى مەزگىلدە كۆپ بولىدۇ. «نەچچە قېتىم بولۇشقا تېگىشلىك» دېگەندەك مەسىلىدىن ئېغىز ئاچقىلىق بولمايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:35

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ