ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر قانداق چايلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك

ئەرلەر قانداق چايلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەرلەر قانداق چايلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك?

ئەرلەر قانداق چايلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك

خىزمەتتىكى ئەرلەر

چۈشتىن بۇرۇن كۆك چاي ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى كۆك چاينىڭ ئوكسىدلىغۇچى رېئاكتىپقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك ھەمدە تەركىبىدە ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى نىسبەتەن مول بولغانلىقتىن، بەدەندىكى ئەركىن رادىكالنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا، كۆك چاي تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

چۈشتىن كېيىن سەبدەگۈل چېيى ئىچىپ بېرىش كېرەك. سەبدەگۈلنىڭ جىگەرنى ياخشىلاپ، كۆزنى ئاسراش رولى بولۇپ، سەبدەگۈلنى دەملىگەن چايغا ئازراق ھەسەل ياكى ئالقات قوشۇۋەتسە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كەچتە سانا چېيى ئىچىپ بېرىش كېرەك. سانا چېيى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەنگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قەۋزىيەتكە بولغان ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك.

مېھماندارچىلىقى كۆپ ئەرلەر

بۇنداق ئەرلەر پويرارىيە چېچىكى(葛花)، ئاق سەبدەگۈل، ئەتىرگۈل قاتارلىق ئۈچ خىل گۈل چاينى بىرلەشتۈرۈپ دەملەپ ئىچىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى پويرارىيە چېچىكى ھاراقنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئاق سەبدەگۈل جىگەرنى ئاسرايدۇ، ئەتىرگۈل جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئۈچى بىرلەشسە ھاراقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ.

تاماكىنى كۆپ چېكىدىغان ئەرلەر موموردىكا (罗汉果)چېيى ئىچىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى موموردىكا چېيى ئۆپكىنى ياخشىلاپ، نىكوتىننىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قان بېسىمى يۇقىرى ئەرلەر

قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باش قېيىشقا ئاق سەبدە، تۇخۇمەك گۈلى(槐花) ، كۆك چاي قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

قان بېىسم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلىگە سەبدەگۈل ۋە ئېۋگوممىيە(杜仲) يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، قايناقسۇغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەملەپ قويۇپ، ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىققا كۆممىقۇناقنىڭ ساقىلىدىن 30 گرام، كۆك چايدىن بەش گرام ئېلىپ قايناقسۇدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەملەپ قويۇپ، ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى ئەرلەر

ۋۇلۇڭ چېيى(乌龙茶)، كۆك چاي، پۇئېرچېيى(普洱茶)قاتارلىق چايلارنىڭ تەركىبىدە چاي پولىفېنولى، چاي پولىساخارىدى، چاي پىگمېنتى ۋە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ چايلارنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سېمىزلىككە ۋۇلۇڭ چېيىدىن ئالتە گرام، دولانادىن 15 گرام ئېلىپ قايناقسۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

پۇئېرچېيىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، قايناقسۇدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاشقازان، تالنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

قاندىكى شېكەر ماددىسى يۇقىرى ئەرلەر

كۆك چايدىن 10 گرام ئېلىپ سوغۇق سۇغا ئۈچ سائەت ئەتراپىدا چىلىغاندىن كېيىن، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى تاكى چاينىڭ تەمى قالمىغۇچە قوللانسا بولىدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ئەرلەر

بۇ خىلدىكى ئەرلەر كۆك چاي ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار دائىم كۆك چاي ئىچىدىغانلار بىلەن دائىم قەھۋە ئىچىدىغانلار ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر ئايلىق سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆك چاي ئىچكەنلەرنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە ئاشقان، ھۈجەيرە ئاجرالمىلىرىنىڭ ئىنتېرفېرونى بەش ھەسسە ئاشقان، لېكىن قەھۋە ئىچكەنلەردە بولسا ئۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چىلاندىن بەش تال، پەمىل چايدىن ئىككى گرام، زەنجىۋىلدىن بەش گرام تەييارلاپ، چىلاننى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ، زەنجىۋىلنى ياپىلاق توغراپ، ئۈستىگە بىر چىنە سۇ قويۇپ ئالتە مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئارقىدىن پەمىل چاينى سېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

يەنە، ئۈچقات چېيى زەھەر قايتۇرۇپ، ئادەمنى جۇشقۇن، تېتىك قىلىش، زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ئەرلەرنىڭ ئىچىپ بېرىشىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

سېمىز ئەرلەر

قارا چاي، پۇرۇڭ چېيى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيى(荷花) ئىچىپ بېرىشى كېرەك. نېلۇپەر چېيى ئادەتتە نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ گۈلى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسىنى خام ئەشيا قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. سېمىز ئەرلەر بۇ خىل چاينى ئىچكەندە چوقۇم قېنىقراق دەملەپ، ئاچ قورساققا ئىچىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ۋۇلۇڭ چېيىنى ئىچىپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ۋۇلۇڭ چېيى يېرىم ئېچىتىلغان چاي تۈرىگە تەۋە بولۇپ تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن ھەزىم قىلىشنى ۋە ماينىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەردىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كەيپىياتى ناچار ئەرلەر

خۇشپۇراق گۈل چايلار ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل چايلاردىن يەسىمەن چېيى، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە چېيى، دارچىنگۈل چېيى، ئەتىرگۈل چېيى قاتارلىقلار بار. ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيىدىن ئۈچ گرام، قورۇغان سانادىن ئالتە گرام، ئەتىرگۈلدىن ئۈچ تال سېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ئاشقازان–ئۈچەي ئىقتىدارى ناچار ئەرلەر

يالپۇز چېيى ئىچىپ بېرىشى كېرەك. يالپۇزنىڭ ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىش رولى بولۇپلا قالماي يەنە ئاشقازان ئاغرىقى، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. لېكىن تېنى ئاجىز، كۆپ تەرلەيدىغانلار ئازراق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

پەمىل چاي تولۇق ئېچىتىلغان چاي تۈرىگە تەۋە بولۇپ، غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك بولمىغاچقا ئاشقازان–ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلار كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:13:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ