ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ ئون چوڭ ئۆلچەم

ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ ئون چوڭ ئۆلچەم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرغا قويغان ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇقۇمى بولسا: ساغلاملىق دېگىنىمىز-كېسەلگە گىرىپتار بولمىسلا ساغلام بولۇپ قالماستىن،بەلكى پسخىك ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ ئون چوڭ ئۆلچەم

دېمەك،ساغلاملىق روھىي،جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ساغلام بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ئەرلەرنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان تۆۋەندىكى ئون ئۆلچەمنى بەلگىلىدى:

1.تولۇپ تاشقان كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان،كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ھەمدە ھەددىدىن تاشقىرى جىددىيلەشمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغانلار.

2.ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش،ئىشلارنى چوڭ-كىچىك دەپ تاللىماستىن خۇشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش.

3.دەم ئېلىشقا ماھىر بولۇش،ياخشى ئۇخلاش،بېشى ياستۇققا تېگىش بىلەن ئۇخلاش،چاقىرسىلا ئويغىنىش.

4.ئۆزگىرىشكە ماسلىششچانلىقى كۈچلۈك بولۇش،يەنى سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش.

5.ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرالايدىغان بولۇش.

6.بەدەن ئېغرلىقى مۇۋاپىق بولۇش،بەدەن تەكشى بولۇش،تۇرغاندا ياش،مۈرە،دۈمبە قىسىملىرى ماسلاشقان بولۇش.

7.كۆزى روشەن بولۇش،كۆز قاپىقى ئاسان ياللۇغلانماسلىق،ئىنكاسى تېز بولۇش.

8.چىشى پاكىز،چىشنى قۇرت يېمىگەن بولۇش،چىشى ئاغرىماسلىق؛چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى نورمال،قاناش ئەھۋاللىرى بولماسلىق.

9.چاچلىرى پارقىراق،كېپەك بولىمىغان بولۇش.

10.مۇسكۇللىرى تولغان،تېرىلىرى ئەۋرىشىم بولۇشتىن ئىبارەت.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-07-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ