ئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

تار ئىشتان كىيىش ، يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا قويۇپ جىنسىي ئەزاغا يېقىن تۇتۇش، لەپتوپ كومپىيوتېرنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئىشلىتىش بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر ئىسپىرمىسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدىغان خەتەرلىك ئىشلاردۇر سىز ھىلىھەم قىلىۋاتامسىز؟

ساغلام بىر بالىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ، چوقۇم ساغلام كۈچلۈك بولغان ئىسپىرمىغا ئېگە بولۇشىڭىز لازىم . ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز دەل ئىسپىرمىڭىزنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ . قايسى ئىشلارنىڭ ئىسپىرىمىڭىزنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمونغا قاراڭ.

ئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

1. تار ئىشتان كىيىش.
ھازىر ياش ئەركەكلىرىمىز مودا قوغلىشىش ئۈچۈن ئىنچىكە چوكا ئىشتانلارنى ، تار كەلگەن نىيۇزەيكۇ پادىچى ئىشتانلارنى كىيىۋېلىشكە ئامراق بولۇپ قالدى. ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، دائىم تار ئىشتان كىيىۋالسا ئەرلىك جىنسىي ئەزاغا بېسىم ئېلىپ كىلىپ زەخىملەندۈرۈپ قويىدىكەن. ئۇرۇقداننىڭ تېمپىراتۇراسىنى ئاشۇرۋېتىپ ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىگە تەسىر قىلىپ قويىدىكەن.

شۇڭا راھەت كەڭ ئىشتان ۋە سىقىشتۇرمايدىغان كەڭرەك ئىچ كۇسار كىيىش تەۋسىيە قىلىمىز. كەڭرەك ئىشتاننىمۇ زامانىۋى مودا قىلىپ كىيگلى بولىدىغانلقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

2. يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا قويۇش.
چەتئەلدە قىلىنغان بەزى تەتقىقاتلاردا ، يانفون رادىئاكسىيەسى ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرىدىغان ناچار تەسىرى بارلىقىنى ئېيتقان. گەرچە بۇلار يەنە ئىچكىرلىگەن ئىسپاتلاشقا كېرەك بولسىمۇ ئەمما كۆپلىگەن دوختۇرلار يەنىلا تېلىفوننى سومكىغا ياكى چاپان يانچۇقىغا سېلىشنى ، جىنسىي ئەزادىن يىراق تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

3.لەپتوپ كومپىيوتېرنى تىزىغا قويۇپ ئىشلىتىش.
ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىدە لەپتوپ كومپىيوتىرى بار ، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس ، كۆتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەپۆ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆگىنىش قىلغاندا ، ياكى ئۆيدە ئارام ئېلىپ كىنو كۆرگەندە ، كومپىيوتېرنى تىزىغا قويۇپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئۇرۇقدان ، جىنسىي ئەزاغا زىيادە يېقىن بولسا ، ئۇ يەرنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇپ ئىسپىرىمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

4.ئۇزۇن ۋاقىت ۋىلىسپىت مىنىش.
ۋىلىسپىت ئاستا ئاستا يەنە تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . ئەسلى بۇ بىر ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسى بولسىمۇ ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ۋىلىسپىت مىنسە جىنسىي ئەزاغا بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ.

5.ساڭناغا جىق كىرىش ، قىززىق سۇدا چىلىنىپ يۇيۇنۇش.
ساڭنا ھېلىھەم مودا بولۇۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆپلىگەن ئەرلەر ساڭناغا بېرىپ ھاردۇق چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەمما زىيادە ئىسسىقلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ ھەتتا ئۆلتۈرىدۇ .

6.زىيادە سەمىرىپ كىتىش
ئەرلەر توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللارغا ئوخشاش بۇرۇنقىدەك بەدەن شەكلىگە دىققەت قىلىپ بولالماي سەمىرىپ كىتىدۇ . زىيادە سېمىزلىك ئىسپىرىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

7.زىيادە بىسىم ئاستىدا ياشاش
خىزمەت بىسىمى ،تۇرمۇش بىسىمى ، ئۆگىنىش ئىمتىھان بىسىمى قاتارلىقلار ئەرلەردە زەكەر قېتىشتا قىيىنلىشىش ، قاتماسلىق ، جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولماسلىق قاتارلىق يان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ۋاقتىدا بىسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن دوستلار بىلەن سىردىشىش ، ئايالىڭىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشىش لازىم .

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

997FansLike
163FollowersFollow
1,480SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

B قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى

B قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى  قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستى ئۈستىدە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن ھەرخىل تىپتىكى ۋە شەكىلدىكى...

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن قىچىشىشقا سەل قارىماڭ

ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن ئاياللاردا بەدەن قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ بۇ خىل بەدەن قىچىشىشھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتدۇ بۇ مېدىتسىنا...

A قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى

A قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى    قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستى ئۈستىدە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن ھەرخىل تىپتىكى ۋە شەكىلدىكى...

ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يوللىرى رەسىملىك چۈشەندۈرلۈشى

ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يوللىرى رەسىملىك چۈشەندۈرلۈشى ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندا بەدەننىڭ ئىممۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن...

سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى 慢性宫颈炎 chronic cervisitis kronik servisit, kronik rahim ağzı itihabı سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ۋاقتىدا ئۈزۈل كېسىل داۋالانمىغانلىقتىن كىسەل قوزغاتقۇچى ئېلېمنتلار بالىياتقۇ...