ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

ئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تار ئىشتان كىيىش ، يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا قويۇپ جىنسىي ئەزاغا يېقىن تۇتۇش، لەپتوپ كومپىيوتېرنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئىشلىتىش بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر ئىسپىرمىسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدىغان خەتەرلىك ئىشلاردۇر سىز ھىلىھەم قىلىۋاتامسىز؟

ساغلام بىر بالىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ، چوقۇم ساغلام كۈچلۈك بولغان ئىسپىرمىغا ئېگە بولۇشىڭىز لازىم . ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز دەل ئىسپىرمىڭىزنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ . قايسى ئىشلارنىڭ ئىسپىرىمىڭىزنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمونغا قاراڭ.

ئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ

1. تار ئىشتان كىيىش.
ھازىر ياش ئەركەكلىرىمىز مودا قوغلىشىش ئۈچۈن ئىنچىكە چوكا ئىشتانلارنى ، تار كەلگەن نىيۇزەيكۇ پادىچى ئىشتانلارنى كىيىۋېلىشكە ئامراق بولۇپ قالدى. ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، دائىم تار ئىشتان كىيىۋالسا ئەرلىك جىنسىي ئەزاغا بېسىم ئېلىپ كىلىپ زەخىملەندۈرۈپ قويىدىكەن. ئۇرۇقداننىڭ تېمپىراتۇراسىنى ئاشۇرۋېتىپ ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىگە تەسىر قىلىپ قويىدىكەن.

شۇڭا راھەت كەڭ ئىشتان ۋە سىقىشتۇرمايدىغان كەڭرەك ئىچ كۇسار كىيىش تەۋسىيە قىلىمىز. كەڭرەك ئىشتاننىمۇ زامانىۋى مودا قىلىپ كىيگلى بولىدىغانلقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

2. يانفوننى ئىشتان يانچۇقىغا قويۇش.
چەتئەلدە قىلىنغان بەزى تەتقىقاتلاردا ، يانفون رادىئاكسىيەسى ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرىدىغان ناچار تەسىرى بارلىقىنى ئېيتقان. گەرچە بۇلار يەنە ئىچكىرلىگەن ئىسپاتلاشقا كېرەك بولسىمۇ ئەمما كۆپلىگەن دوختۇرلار يەنىلا تېلىفوننى سومكىغا ياكى چاپان يانچۇقىغا سېلىشنى ، جىنسىي ئەزادىن يىراق تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

3.لەپتوپ كومپىيوتېرنى تىزىغا قويۇپ ئىشلىتىش.
ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىدە لەپتوپ كومپىيوتىرى بار ، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس ، كۆتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەپۆ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆگىنىش قىلغاندا ، ياكى ئۆيدە ئارام ئېلىپ كىنو كۆرگەندە ، كومپىيوتېرنى تىزىغا قويۇپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئۇرۇقدان ، جىنسىي ئەزاغا زىيادە يېقىن بولسا ، ئۇ يەرنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇپ ئىسپىرىمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

4.ئۇزۇن ۋاقىت ۋىلىسپىت مىنىش.
ۋىلىسپىت ئاستا ئاستا يەنە تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . ئەسلى بۇ بىر ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسى بولسىمۇ ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ۋىلىسپىت مىنسە جىنسىي ئەزاغا بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ.

5.ساڭناغا جىق كىرىش ، قىززىق سۇدا چىلىنىپ يۇيۇنۇش.
ساڭنا ھېلىھەم مودا بولۇۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆپلىگەن ئەرلەر ساڭناغا بېرىپ ھاردۇق چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەمما زىيادە ئىسسىقلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ ھەتتا ئۆلتۈرىدۇ .

6.زىيادە سەمىرىپ كىتىش
ئەرلەر توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللارغا ئوخشاش بۇرۇنقىدەك بەدەن شەكلىگە دىققەت قىلىپ بولالماي سەمىرىپ كىتىدۇ . زىيادە سېمىزلىك ئىسپىرىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

7.زىيادە بىسىم ئاستىدا ياشاش
خىزمەت بىسىمى ،تۇرمۇش بىسىمى ، ئۆگىنىش ئىمتىھان بىسىمى قاتارلىقلار ئەرلەردە زەكەر قېتىشتا قىيىنلىشىش ، قاتماسلىق ، جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولماسلىق قاتارلىق يان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ۋاقتىدا بىسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن دوستلار بىلەن سىردىشىش ، ئايالىڭىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشىش لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-07 / 09:11:13

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ