ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەدبىرى

ئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەدبىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەرلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان پىسخىك بېسىمغا ئۇچرايدۇ، پىسخىك بېسىمنى يېنىكلىتىشتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ:

ئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەدبىرى

1. دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراڭ رەسىم سىزىش، ھۆسىن خەت يېزىش، شاھمات ئويناش، چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار كىشىگە تۇرمۇشتا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى، مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆڭلىنى ئەركىن – ئازادە تۇتىدىغان ئەرلەر ئىجاد قىلغان.

2. دەردىڭىزنى تۆكۈۋېلىڭ كىشىنى بۇرۇختۇرۇم قىلىدىغان ئىشلارنى كۆڭۈلگە سىغدۇرۇۋەرسە، ئادەمنى جىمغۇرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. دائىم باشقىلارغا دەرد تۆكۈش، بەلكىم تەبىئىتىڭىزگە يات بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما يېقىن دوستىڭىزغا دەردلىرىڭىزنى تۆكۈپ، ئىچىڭىزنى بوشىتىپ، پىسخىك بېسىمىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.

3. خىزمەت جىددىيلىكىنى پەسەيتىڭ ئەگەر جىددىي خىزمەت تۈپەيلىدىن بېسىم ھېس قىلغان بولسىڭىز، قولىڭىزدىكى ئىشنى بىر دەم تاشلاپ قويۇپ، بەش – ئون مىنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېلىڭ. جىمجىت ئولتۇرغىنىڭىزدا، يۈرەك سوقۇشىڭىز ئاستىلاپ، قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەپ، روھىي ھالىتىڭىزدىكى جىددىيلىك روشەن ياخشىلىنىدۇ.

4. قاقاقلاپ كۈلۈڭ يۇمۇرلار توپلىمى ياكى كۈلدۈرگە فىلىملىرى قاتارلىق سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك كۆرۈڭ. ئىچىڭىزدىن قاقاقلاپ كۈلگەن ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىكى جىددىي كەيپىياتنى قوزغايدىغان بۆرەك ئۈستى بېزى ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشى تېزلىكتە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

5. چېنىقىڭ بەلگىلىك سىجىللىقتىكى چېنىقىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلەتكىلى، پۈتۈن بەدەننى بوشاتقىلى بولىدۇ. بەلكىم، چېنىقىشتىن كېيىنكى جانلىق تەپەككۇرنىڭ تۈرتكىسىدە ‹‹كۆڭلىڭىز يورۇپ كەتكەندەك›› بولۇپ، سىز يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر بىر يولىلا ھەل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، قارىسىغا چېنىقسىڭىز ئۈنۈمى بولمايدۇ.

6. ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشتا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاياللاردىن قىسقابولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆزىگە زورمۇزور بېسىم يۈكلەش ئاقىۋەتتە كىشىنى زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئەرلىك غۇرۇرغازىيان يەتكۈزگەنلىك بولمايدۇ. گەرچە رېئال تۇرمۇشتا، ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى دەڭسەشتە ئۇلارنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىش – قازىنالماسلىقى ئۆلچەم قىلىنسىمۇ، لېكىن ھەر ۋاقىت ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەندە ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى تۇرمۇشتا نۇرغۇن تاللاشلار بولىدۇ.

ئەنىۋەر موللامەت تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:33:31

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ