ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟

ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەرلەردە يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ بەزى دوستلىرىم ماڭا، يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، ئادەم ئايالىغا قوپال تېگىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەيدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟

ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟ ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟

دوختۇر: بەزى دوختۇرلار ئەرلەردە يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەرلەردىمۇ يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى بولىدۇ، دەپ قارايدىغان دوختۇرلار نۇرغۇن كېسەل ئالامەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، لېكىن بۇنداق كېسەل ئالامەتلىرىنى ھەرقانداق كىشىگە توغرىلاشقا بولىدۇ، بىرەر كىشىدە چوقۇم بۇ كېسەلنىڭ قانداق ئالامەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى يوق.

بەزىدە، كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندىن كېيىن، جىنسىي ئىقتىدارىمدىن قېلىۋاتىمەن، دېگەن قاراش بىلەن بىرخىل ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە بىلەن نۇرغۇن ئىدىيىۋى تەۋرىنىش، مەسىلەن، روھسىزلىنىش، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى نورمال بولماسلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئايال ئېرىنى كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، بەزىدە ئۇنى داۋالىتىشى كېرەك.

ياشانغاندا كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى ناتايىن. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق يىل يەڭگۈشلەش دەۋرىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى ناتايىن، ياش، ساغلام كىشىلەردىمۇ جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.

جىنسىي تەلەپ ئازىيىش، مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىش، ئاسان چارچاش، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە بولغان قىزىقىش كەملەش، خىزمەتكە بولغان قىزىقىش سۇسلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بىئارام بولۇش ۋە ئاسان تېرىكىش، نېرۋا جىددىيلىشىش، كەيپىيات تەۋرىنىپ تۇرۇش ھادىسىلىرى پەيدا بولىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ يىل يەڭگۈشلەش دەۋرىدە بولىشى ناتايىن.

شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:17:58

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ