ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى قانداق ئەھۋالدا ئاجىزلايدۇ

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى قانداق ئەھۋالدا ئاجىزلايدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

جىنسىي تەلەپ دىگەنلىك، جىنسىي تۇرمۇشقا قارىتا جىنسىي غىدىقنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كېلىدىغان بىر خىل ئارزۇنى كۆرسىتىدۇ ئادەتتە بالاغەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئوغۇللاردىكى جىنسىي تەلەپ قىزلاردىكىگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ


ئەرلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدىن بولىدۇ:

بىرىنچى: ياش-قۇرام ئامىلى

جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشى ئۇرۇقدان ئاجرىتىدىغان مۇھىم ئاتىلىق گورمون-تېستوستېروننىڭ رولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقدان ئاجرىتىدىغان تېستوستېروننىڭ مىقدارىمۇ پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ بارىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە 50 ياشتىن ئاشقاندا جىنسىي تەلىپى ئۆزلۈكىدىن ئاجىزلاشقا باشىلايدۇ.

70ياشلارغا بارغاندا كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ يوقىلىدۇ. بۇ، فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. كېسەللىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچىى: روھىي ئامىل

بۇنى ئاساسلىقى ئەر-خوتۇننىڭ كۆڭلى بىر يەردىن چىقماسلىق ياكى ئاۋال ئايال تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى كۆڭلى تارتماسلىقى، ئەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت ياخشى بولمىسا، جىنسىي تەلەپ بىر مەھەل زىيادە بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا بىزار بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولسىمۇ، جىنسىي تەلەپ ئاجىزلايدۇ.

ئۈچىنچىى: كېسەللىك ئامىلى

مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ھۆل تەمرەتكىسى، غىلاپ پەردىسىگە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش، چوڭ چۇقۇق شۇنداقلا سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق بىرقىسىم جىنسىي يول سېستىمىسى كېسەلىكلىرى جىنسىي ھەۋەسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. پۈتكۈل بەدەن خاراكتېرلىك بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بەدەننى زەئىپلەشتۈرۈشى ۋە چارچىتىشى سەۋەبلىك جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشىدا تېخىمۇ گەپ يوق. بولۇپمۇ بەزى ئىچكى ئاجرالما ئاجراتقۇچى بەز كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، بۆرەك ئۈسىتى بېزى ئۆسمىسى، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلاق ئىقتىدارنىڭ نورمالسىز بولۇشى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىز بولۇشى ۋە ئۇرۇقداندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار ئورگانىزىمدىكى تېستوستېروننىڭ ئىشلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي تەلەپ مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جىنسىي تەلەپ ئاجىزلاش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شۈبھىسىزكى، يۇقىرىقى ئۈچ تەرەپنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، نېگىزلىك مەسىلە ھەل قىلىنسا جىنسىي تەلەپ چوقۇم ئەسلىگە كېلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:11

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ