ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر

ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاشقازان كېسىلى ئەرلەر ھاراق ، تاماكىغا ئامراق . يەنە تاماقنى تېز ھەم كۆپ يەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .

ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر

تېرە كېسىلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىشقا ، تېرىسىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ قارا پېگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى .

يۈرەك كېسىلى ئادەتتە ، ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارغا قارىغاندا جىددىيرەك ، خىزمەت بېسىمىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاياللارغا قارىغاندا 7–10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تاماكا ، ھاراققا چەك قويغاندىن باشقا ، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ساقلىشى ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .

جىگەر كېسلى ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا ، ئاسانلا ھەر خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ . ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنە ھاراق ئىچىدۇ . جىگەر ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 60–80 گىرام ئىسپىرتنى پارچىلىيالايدۇ ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ .

تۈز ئۈچەي كېسىلى ئەرلەر ئادەتتە تەركىبىدە ياغ ۋە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ . ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ياغ ۋە ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن . شۇڭا ، تۈز ئۈچەي راكى ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم .

مەزى بېزى كېسىلى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %60 ىدە مەزى بېزى كېسىلى بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرىنچىدىن ، ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتمەسلىك . ئىككىنچىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش . ئۈچىنچىدىن ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك .

‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:14:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ