ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە

ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەرلەر ئارىسىدا تالاغا قاراش ﮬادىسىسى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە . ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئاساسەن ئۇلاردىكى تەڭپۇڭسىز روﮬىي ﮬالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بەك بالدۇر نىكاﮬلانغان ئەرلەر مۇﮬەببەتكە قارىغۇلارچە باﮬا بېرىدۇ ؛ ئۇلار بىر مەزگىللىك سۆيگۈ – مۇﮬەببەت كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ توي قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاياللارنى ﮬەقىقىي رەۋىشتە چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ .

ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئىنسانلار تەبىئىتىدە بولىدىغان كۆڭلى غەيرىنى تارقىتىش تارتىش ۋە يېڭىنى ﮬەۋەس قىلىشتەك پىسخىك ئالاﮬىدىلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئەر كىشى ئايال ﮬەمراﮬ ئىزدىگەن چاغدا ، كۆپىنچە يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئەرنىڭ نىكاﮬلىنىشتىن ئىلگىرى زىلۋا قىزنى ياقتۇرغىنىغا ئوخشاش بىر خىل مۇقىم قىلىپنى بەلگىلاۋاتىدۇ . ئەمما ، تويدىن كېيىن بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سېمىزرەك بولىشىنى ئارزۇ قىلسا ، بەزى ئەرلەر ئۇشتۇمتۇت زىلۋا ئاياللارغا ئىشتىياق باغلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . بەزى ئائىلىلەردە ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلاشماسلىقى ئەر كىشىنى يېڭىسىنى ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ .

ئەر كىشىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈچۈن ، كۆپىنچە ﮬاللاردا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ . بەزىلىرى ﮬېسسىيات جەﮬەتتە بۇرۇلۇش ياساپ ، ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ، مەسىلەن ، ئايال كاتىپى ، ئايال ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ . ﮬوقۇق خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق تالاغا قاراش كۆپىنچە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە بەزى ئەرلەر سودىگەرچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ ، توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىدۇ . بۇ ئىقتىسادى خاراكتېرلىق تالاغا قاراش ﮬېسابلىنىدۇ . يۇقۇرقى ﮬەر ئىككى خىل تالاغا قاراشتا مۇﮬەببەت ئاساس قىلىنغان ئەمەس .

بۇ ئىككى خىل تالاغا قاراشقا قارىغاندا ، ﮬېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك تالاغا قاراش تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ . نىكاﮬلىنىپ بولغان بىر ئەر كىشى خوتۇن بىلەن كېلىشەلمەي تۇرغاندا ، باشقا بىر ئايالنىڭ ئىشقىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالسا ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ، لېكىن ﮬېسسىيات جەﮬەتتە بىر – بىرىگە ئىجىل بولۇپ قالىدۇ . بۇ مەسىلىنى ﮬەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ﮬەر دائىم يولدىشىنىڭ دەردىگە داۋا بولىشى تولىمۇ مۇﮬىم .

تالاغا قاراش ﮬادىسىسى ، ئەرلەرنىڭ مۇﮬەببەت تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن يوشۇرۇن ، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر . بۇ مەسىلىنى ﮬەل قىلىش ئۈچۈن قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىدىن تاشقىرى ، تېخىمۇ مۇﮬىمى ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ، ﮬېسسىيات ، پېسخىلوگىيە جەﮬەتتىكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇﮬاكىمە ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەك يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش لازىم .

ئەرلەرنىڭ ﮬېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان تالاغا قاراش مەسىلىسىنى ﮬەل قىلىشتا ئايال كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ، تۆۋەندە بۇ ﮬەقتە بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ ئۆتىمىز :

ﮬەرقانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى باشقا بىرسىنىڭ ئىگىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ، ئېرىنىڭ مۇﮬەببىتىدىن مەﮬرۇم قېلىشتەك رېئاللىققا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن . شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە : ” بۇنداق قىسمەتنى مېنىڭ بېشىمغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ، بىزنىڭ نىكاﮬىمىز مۇستەﮬكەم ، ئېرىم كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ ” دەيدىغان ئىنكاستا بولىدۇ .

ئەمما ، كۆپ ساندىكى ئەرلەر نىكاﮬ تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا قائىدە – يوسۇندىن چىقىپ ، كۆڭلىنى باشقا ئاياللارغا بېرىشكە باشلايدۇ ، ﮬەلبۇكى بۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئاﮬۋال .

ئەرلەرنى خوتۇنلىرىغا خائىنلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب زادى نېمە ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ﮬەر بىر ئەرنىڭ بۇ يولغا مېڭىشتىكى سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ .

ئەرلەر نېمە سەۋەبتىن ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىدۇ ؟

بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر بارلىقىنى خىزمەت ، كەلگۈسى ۋە باشقا ئىشلارغا بېغىشلىغان بولغاچقا ، ئادەتتە خوتۇنلىرىغا سادىق بولىدۇ . ئۇلار خوتۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك نېمە دېسە لەببەي دەپ تۇرىدىغان ساۋاتسىز ، ئىتائەتمەن ئاياللاردىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ . ﮬازىرقى زامان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ﮬوقۇق – مەنپەئەتىنى بىلىدۇ ، ئەرلىرىنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشىغا ئىتائەتمەنلىك ۋە ئېرىغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنى ﮬېس قىلغان ئەر چوقۇم ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ﮬالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا بىرىنى ئىزدەيدۇ . ئاياللار يەنە گۇمانخورلۇق ۋە قىياس قىلىش كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالسىمۇ ، ئېرىنىڭ ﮬېسداشلىقى ۋە كۆيۈنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بۇنداق ئەرلەرگە جەمىيەتمۇ ﮬېسداشلىق قىلىدۇ . بەزى ئەرلەر داۋاملىق كاماندوروپكىغا چىقىپ مۇﮬىم ئىشلار بىلەن بەند بولىدۇ . ئۇنىڭ غەم – ئەندىشىلىرىگە ئورتاقلىشىپ بېرىدىغان يېقىن ئادىمى بولمىسا ، ئۇ دەرﮬال باشقا ئاياللارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ .

خوتۇن بولغۇچى ئەرنىڭ يوشۇرۇن ﮬالدا باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندە نېمىلەرنى قىلىشى ، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ؟؟

ئاياللار بۇنداق ئەﮬۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ئاسانلىقچە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ . بۇ دەل ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشتۇر . ئادەم زەربىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ، سۆز – ﮬەرىكىتى دۇرۇس ، ئەتراپلىق بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر . شۇڭا ئالدى بىلەن ئىشنىڭ روﮬى جەﮬەتتىكى دوستلۇق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ﮬۆكۈم قىلىش كېرەك . ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ﮬېسداشلىق قىلىشى ، چۈشۈنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇﮬتاج بولىدۇ . ئەگەر مەسىلە چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق .

ئاياللار كۆپ ﮬاللاردا ئىشلارغا خاتا ﮬۆكۈم قىلىپ ، باشقىلار بىلەن بىكاردىن – بىكار توقۇنۇشۇپ ، ﮬەر ئىككىلا تەرەپنى قىيىن ئەﮬۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەرنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن گەپلەشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۆزىگە كۈندەشلىك ئوتىنى يېقىۋالماسلىقى كېرەك . ئەگەر ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ، يېقىنلىق قىلىش ، كۆيۈنۈش ۋە ﮬالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش كېرەك . ئىشلارنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، نىكاﮬ ئىشىدا زادى نېمە مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى بار . ئادەم چوقۇم ئۆزىگە سادىق ، سەمىمىي ، راستچىل بولۇشى ، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ئازارلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ، ﮬەرگىزمۇ يوشۇرۇن ئۈچۈن باﮬانە ئىزدىمەسلىكى لازىم .

مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تېپىلغان ئىكەن ، چارە – تەدبىر تېپىپ ﮬەل قىلىش زۆرۈر . پەقەت ۋاقتىدا ﮬەل قىلغاندىلا قارشى تەرەپنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ مۇناسىۋەت قۇتقازغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بۇنداق ئەﮬۋالدا ئەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك . چۈنكى مۇﮬەببەت ۋە سادىقلىق مەجبۇرلاش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .

ئەگەر ئەر پۈتۈنلەي تالاغا قاراپ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەن بولسا ، خوتۇن ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ يۈرىۋەرسە ، بۇ خوتۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئادەتتە ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ، ئەرنى قولىدىن چىقارماي ئەپلەپ – سەپلەپ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشنى ، پەرزەنتلىرىنى ئاتا – ئانا ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان روﮬى ئازاپتىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ . بەزى ﮬاللاردا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ . بەزى ﮬاللاردا ئەرمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بەزىدە بۇنىڭ ﮬېچقانداق ئۈنۈمى بولماي بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .

تالاغا قاراش ئونۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا يوق . كونكرېت ئەﮬۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئەمما ئالدىنى ئېلىش ، داۋالىغاندىن ياخشى .

———————————————–
مەنبە : ——– ” قىز – ئاياللار مەخپىيەتلىكى ” ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-05-01 / 09:22:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ