دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئەرنىڭ مىجەزى ئايالىنىڭ چىرايىغا تەسىر قىلىدۇ

ئامېرىكا تىببى ئىلىم مۇتەخەسسىسلىرى ئوزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئايالىنىڭ چىرايى ئېرىنىڭ مىجەز خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان؛

1. ئوچۇق يورۇق ، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئەرلەر كۆپ ﮬاللاردا ئايالىغا يول قويىدۇ، بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن ئەركىن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوچۇق يورۇق ،ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تېرىسى ناﮬايىتى سىلىق، يۇمران بولىدۇ، چىرايى دائىم نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ.

2.ئىچ مىجەز ، گېپى ئاز، ئىچى تار ئەرلەر كۆپىنچە ﮬاللاردا ئايالىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، كۆيۈنمەيدۇ، بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى دائىم غەمكىن يۈرىدۇ. چۈشكۈن، غەمكىن بۇ ئاياللارنىڭ تېرىسى يىرىك، داغ كۆپ بولۇپ، چىرايى خۇنۈك كۆرۈنىدۇ.

3.قوپال، مىجەزى ئوسال، كۆيۈمسىز ، كۈنلەمچى، دائىم ئايالىنى ئەيىپلەپ، تىللايدىغان ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تېرىسىگە دائىم سېرىق، كۈلرەڭ داغلار چۈشىدۇ، تېرىسى نۇرسىز بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئاسان قېرىيدۇ. چېچى بالدۇرلا ئاقىرىشقا باشلايدۇ.

4. تالاغا قارايدىغان، دائىم ئۆيىگە قايتمايدىغان ، ئەمما ئۆيگە قايتقاندا ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالالايدىغان ، ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارغا ئايالى بىلەن ناﮬايىتى ئىناق تەسىر بېرىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ تېرىسى ، يۈز مۇسكۇلى ئاسان بوشاپ كېتىدۇ. كۆز ئەتراپىغا ئاسان قورۇق چۈشىدۇ، سالامەتلىكىمۇ ناچارراق بولىدۇ. ئۇلار تېز ئورۇقلاپ ئاسانلا قېرىپ كېتىدۇ.

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-23

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-04-16 / 07:19:51

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,598FansLike
697FollowersFollow
1,850SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر