ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ئاغرىقلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرگە مۇھتاج(2)

ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرگە مۇھتاج(2)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىتامىن C ئادەم بەدىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى نورماللاشتۇرۇپ، جاراھەت ئېغىزىنى تۇتقۇزۇپ، بەدەننىڭ تۆمۈر، ۋىتامىن قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ۋىرۇسنىڭ قايتا ھاسىل بولىشىنى توسىدۇ لېكىن ئۇنىڭ بەدەنگە زىيانلىق تەرىپىمۇ بولۇپ ، كۆپ يېگەندە ،ئىچى سۈرۈپ، بۆرەككە تاش چۈشىدۇ

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋىتامىن C دىن ھەر كۈنى 100مىللىېتىر يېسىلا كۇپايە قىلىدۇ، بۇ ، بەش تال چوڭ چىلان ، ئۈچ تال شوخلا ، تۆت تال ئاپلېسىن، ئىككى تال ئالتىندىيە (مايمۇن شاپتۇلى)،25 تال قاراقات، بىر ئاچچىق كاۋا يېگەنگە تەڭ . ئىچى سۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا دائىم ئۇچىرايدىغان ئەھۋال، ئۇنى دورا ئارقىلىق تىزگىنلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆۋەندە داۋالاش رولىغا ئىگە بىر نەچچە خىل ئۇماچنى تونۇشتۇرىمىز، ئۇلارنى مىجەزىڭىزگە قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ:

(1) نىلۇپەر تالقىنى ئۇمىچى: بۇنىڭدا نىلۇپەر قاينىتىلىپ پىشۇرۇلۇپ، كېسىپ ئىچى ئادالىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، تالقان قىلىنىدۇ. بۇنداق تالقاندىن ھەر قېتىمدا 15–20 گرام ئېلىنىپ، 60 گرام گۈرۈچكە قوشۇپ ئۇماچ قىلىنىدۇ، ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى قېتىم ئىچىلىدۇ.

(2) غولپىياز ئۇمىچى ۋە سامساق ئۇمىچى: بۇنىڭدا بەش تال غولپىياز پاكىز يۇيۇلۇپ چانىلىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ (ياكى سۆك قوشۇپ) قاينىتىلىپ ئۇماچ قىلىنىدۇ، ئۇماچ پىشاي دېگەندە ، يەنە غولپىياز سېلىپ قاينىتىلىدۇ، ئازراق تۇز سېلىنىدۇ ياكى ئىككى باش سامساق ئاقلىنىپ، پاكىز يۇيۇلۇپ، غولپىياز ئورنىدا ئۇماچقا سېلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غولپىياز ئۇمىچى ياكى سامساق ئۇمىچى تەييار بولىدۇ.

(3) چىلان–پىچەكگۈل ئۇمىچى: بۇنىڭدا 30 گرام گۈرۈچ، 10 تال چىلان، 30 گرام پىچەكگۈل، 15 گرام قارا شېكەر قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بېرىش، بۇنى ئۇدا 15 كۈن داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

(4)كاۋاۋىچىن–يېپىشقاق گۈرۈچ(نومى) ئۇمىچى: بۇنىڭدا ئازراق كاۋاۋىچىن ، 30 گرام يېپىشقاق گۈرۈچ ، ئالتە گرام قۇرۇتۇلغان زەنجىۋىل قوشۇپ قاينىتىلىپ، ئۇماچ قىلىنىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىلىدۇ. بۇنى ئۇدا بىر–ئىككى ھەپتە ئىچىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:48:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ