ئەيدىز = AIDS = 艾滋病

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز=AIDS=艾滋病ئەيدىز بولسا ئېنگىلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئات

ئەيدىز=AIDS=艾滋病

ئەيدىز بولسا ئېنگىلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى(Acquired Immure Deficiency Syndrome) يەنى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى» بولىدۇ. يەنى ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاش سەۋەبلىك ئادەتتە ساغلام ئادەملەردە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل.

A- Acquired يەنى “ئېرىشمە” دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت باشقىلار (ئادەملەر)دىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

I- Immune يەنى” ئىممۇنىت” دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

D- Deficiancy يەنى”كەمچىللك” دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

S- ٍSyndrome يەنى “ئۇنۋېرسال ئالامەت” دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك AIDS ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. (كىلىنكىدا CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى 200 ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغان ۋاقتىنى AIDS بىمارى دەپ ئاتايدۇ)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:35:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ