ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئالامەتلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئالامەتلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىز كېسىلى يەنە (aids)دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كېسەللىكنى ئنسانلارنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىت كەملىك ۋىرۇسى(HIV)كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەردە قوزغىلىدۇ بولۇپمۇ 20–49ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ

يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن دەۋرى 1–5يىل،قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 29ئاي ،ئۆسمۈرلەرنىڭ 12ئاي بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى:

بىماردا ھۈجەيرە ئىممۇنىت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇپ ،ئورگانىزىم سىرتقى مۇھىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ،ئوڭايلا شەرتلىك يۇقۇملىنىش (كارېن ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى،HIVھۈجەيرە توقۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قوزغىغان مەركىزى نېرۋا كېسەل ئالامىتى) ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(كاپورس ساركومىسى،Burkittلىمفا ئۆسمۈسى،خودگكىنىس لىمفا تۈگۈن ئۆسمۈسى)قاتارلىقلارنى قوزغىتىپ،ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى:

ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكەنلىكتىن ۋە يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ:قان ئارقىلىق يۇقىدۇ؛قان بېرىش ۋە باشقا قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ؛ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ياكى ۋېنادىن دورا ئىشلىتىشتىن خۇمار بولۇپ قالغانلار بۇلغانغان ئىشپىرىس ئىشلىتىشتىن؛ھامىلە ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە يۇقۇملىنىش ؛ئەيدىز كېسىلى بار ئاياللار ،تۇغۇتتىن بۇرۇن،تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ؛يۇقۇرقى يولدىن باشقا ۋېروسنىڭ ھاۋا،ھاشارەت،سۇ،يىمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى تېخى ئسپاتلانمىدى.شۆلگەيدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئىھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى:

سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جاھىل خاراكتېرلىك كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان غاز بوغۇزسىمان ئاق داغ،تىل قوۋۇز يۇتقۇنچاققا ھەتتا پۈتۈن ئېغىز بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ؛

قايتىلانما ئاددى قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇقى ۋە پۈتۈن ئېغىز بوشلىقى ۋە يۇتقۇنچاققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

جىنسى ئەزالارنىڭ تېرىسى قاپارتچۇقلاش دائىم قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛كۆپ قوزغىلىدۇ؛بەزىدە توختاپ بەزىدە داۋاملىشىدۇ؛

ئېغىز بوشلىقىدىكى تۈكسىمان ئاق داغ ئاساسلىقى تىل گىرۋىكى ۋە تىل قورسىقىدا پەيدا بولىدۇ،كۆپىنچە ئىككى تەرەپتە تەڭ كۆرىلىدۇ،سىرتقى كۆرۈلۈشى تۈككە ئوخشايدۇ،سىرتقى يۈزىدە قورۇق بولۇپ يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ئادەتتە ئۆزى ھىس قىلىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ.

چىش مىلىكى ئىششىپ قاناپ ئاغرىيدۇ،دائىم ئۆتكۈر نېكروزلىنىشچان يارىلىق چىش مىلىك ياللۇغى ياكى چىش مىلىكى ئېغىز ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ ؛ئ

ۇچلۇق ھۆل سۆگەل بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېڭەك نېرۋىسى تارقالغان ئورۇندا ،ئۇشتۇمتۇن ئۇيۇشۇش پەيدا بولىدۇ،سەۋەپسىزلا پۈتۈن ئېغىزدىكى چىش ئاغرىيدۇ. قوۋۇزنىڭ سېزىمى نورمالسىزلىنىدۇ،ئېغىز بوشلىقى قاسراقسىمان ھۈجەيرە راكى پەيدا بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە ،قان زەرداۋى HIVئانتىتېلاسى مۇسبەت چىقىدۇ،T4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى0.4*10نىڭ9دەرجىسىدىن تۆۋەن بولىدۇ.T4/T8نىسبىتى تەتۈر بولىدۇ .(نورمال كىشىلەرنىڭ نىسبىتى1.75~2.1 بولىدۇ،ئەمما بىمارنىڭ 1.0دىن تۆۋەن بولىدۇ). ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئانچە تەس ئەمەس. 56HIV گرادوسلۇق مۇھىتتا 30مىنۇتتا ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيىلەش دورىلىرى مەسىلەن ،75%لۇق ئىسپرت%25لىك يود تىنىكتورىسىHIV نى ئۆلتۈرەلەيدۇ.

ئەمما بۇ ۋېروس سوغۇققا چىداملىق بولۇپ ،0دىن تۆۋەن 75گرادوستا مۇز توڭلىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا 3ئاي ياشىيالايدۇ.ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۆلتۈرۈشمۇ ناھايىتى تەس.شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر نۆۋەتتە،بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئېغىز بوشلىقى بۆلىمىدە ئالاھىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى يوق،شۇڭا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا جىنسى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەتنى ،زەھەر چېكىشنى قاتتىق چەكلەش.قان بەرگۈچى ۋە قان ياسالمىلىرىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تاللاش؛

خەتەرلىك ئادەملەر توپىنى كۈزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛بىر قىسىم ئىشلىتىلىدىتغان ئېغىز بوشلىقى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاكتىپ كېڭەيتىش؛

تازىلىق شارائىتى ياخشى بولغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش؛ئېغىز بوشلىقىدا يۇقارقى ئالامەتلەردىن مەلۇم بىرى بايقالغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ،داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپلارنى ،ئۈستەل ،ئورۇندۇق،يوتقان –كۆرپە،تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم خىلورلۇق ھاكتا دىزىنفىكسىيىلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن ساقال ئالغۇچ،چىش چوتكىسى،لۆڭگە،يۇز دېسى قاتارلىقلارنى چوقۇم% 70لىك ئىسپىرتتا 10مىنۇت دىزىنفىكسىيىلەش،ئاشكارا بۇلغانغان تەرەت قاچىسى،كۇسەرلەرنى پەلەي كىيىپ يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلەش كېرەك.

دوختۇرخانىدىكى تىببى خادىملار ئىزۇلياتسىيە كىيىمى، پەلەي ،ماسكا ،كۆزنى ئاسراش ئەينىكى تاقىشى ،ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپ ۋە قانغا ئاجراتما ماددىلارغا ،كېرەكسىز چىقىرىندىلارغا ،ۋە تىنىق ماتىرىياللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قىلىپ ،ئامال بار خالتىغا تېز ،پۇختا قاچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم ،تىببى خادىملار داۋالاش مەشغۇلاتىدىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلىشى،قولىدا يارا بولسا ياكى قولى سۈرۈلۈپ زەخمىلەنسە ، دەرھال قولىنى دىزىنفىكسىيىلەپ تېڭىۋېلىشى ،بىمارغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.ئېغىز بوشلىقى بۆلۈمىدىكى ۋە كېسەلخانىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇق،ۋىكلىيۇچاتىللارنى تاشلىۋەتسە بولىدىغان يوپۇقلار بىلەن ئوراپ،يەرنى چوقۇم %0.2لىك خىلورلۇق ھاك بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:34:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ