ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز قانداق ئادەملەرگە چاپلىشىدۇ؟

ئەيدىز قانداق ئادەملەرگە چاپلىشىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھېچكىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغىسى يوق ئەمما، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ ئەيدىز ئادەملەرنى ئىزدەپ ئەمەس، ئادەملەر ئەيدىزنى ئىزدەپ تېپىپ پۇتلىشىۋاتىدۇ

ئەيدىز قانداق ئادەملەرگە چاپلىشىدۇ؟

ھېچكىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغىسى يوق. ئەمما، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. ئەيدىز ئادەملەرنى ئىزدەپ ئەمەس، ئادەملەر ئەيدىزنى ئىزدەپ تېپىپ پۇتلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بولغان جىنسى مۇناسىۋەتتىن، قاندىن، ئانىدىن بالىغا يوقىدۇ دېگەن ئۇسۇللار ناھايىتى ئېنىق-ئاشكارە بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقتۇرۇپ قان ئارقىلىق تارقىتىۋاتقانلار، ئانىدىن بالىغا تارقىتىۋاتقانلار، يەنە قان ئارقىلىق يۇقتۇرۇپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقىتىۋاتقانلار، يەنە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقتۇرۇپ، يەنىلا جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقىتىۋاتقانلار، بىلمەي تارقىتىۋاتقانلار، بىلىپ تۇرۇپ تارقىتىۋاتقانلار، يۇقۇدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يۇقتۇرىۋاتقانلار، يۇقۇدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پەرۋاسىزلىق بىلەن يۇقتۇرىۋاتقانلار، يۇقتۇرىۋالغاندىن كىيىن نېمە بولسام بولارمەن، باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ بىغەملەرچە يۈرىۋاتقانلار، يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن يۇقتۇرغۇچىغا غەزەپلىنىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كىتىۋاتقانلار، يۇقۇملانغاندىن كىيىن باشقىلاردىن، جەمىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرگەنلەر، يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئۆزىدىن ئاغرىنىپ، روھى چۈشۈپ «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» ھالىغا چۈشۈپ قالغانلار، يۇقۇملانغاندىن كىيىن بار ئاماللار بىلەن داۋالىنىش يولىنى قىلىۋاتقانلار، يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئادەم باشقا كېسەللىكلەر بىلەنمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ قاراپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئەيدىزگە بوزەك بولماي ياشاۋاتقانلار… دېگەندەك ئەيدىزگە پۇتلاشقان ئادەملەر خىلمۇ-خىل ھالەتتە يۈرۈشمەكتە. ئەيدىز بىر ئادەمنىڭ جىسمىغا چاپلاشقاندىن كىيىن، دىققىتىنى، پىسخىكىسىنى قالايمىقان قىلىپ، ئەيدىز شۇ ئادەملەردىن مۇھىم ئورۇنغا چىقىۋالماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئەيدىزدىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئەيدىزگە بوزەك بولمىسىمۇ بولاتتى.

چۈنكى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىزنى مىڭ خىيال قىلسىمۇ، ئەيدىز بەرىبىر باشقىچە بولۇپ قالمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ. پەقەت ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىدىلا دەرت-ئەلەم، ئىگىز-پەسلىك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ.
ئەيدىز ئەيدىزدىن خەۋەردار، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا ھۇشيار تۇرىدىغان، ئۆز جىسمىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ھاياتىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى چۈشۈنىدىغان، بىكىرىغا-زۆرۈرىيەتسىز تۇغۇلمىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان، ئەخلاققا، سالامەتلىككە، پاكىزلىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان شەرت-ئاساسلىرىنى مىنۇت-سىكۇنت ئېسىدە چىڭ تۇرىدىغان، جۈملىدىن ئەيدىزنىڭ ھەر خىل يۇقۇش يوللىرىغا ھەرقاچان سەگەك تۇرالايدىغان كىشىلەرگە ئاساسەن يېقىن يولىيالمايدۇ. ئەمما، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلەرگە ئەيدىزنى ئاسان چاپلاشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىز نىشان ئىزدەيدۇ، ئەيدىزگە پىسەنت قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئەيدىز دەل ئەكسىچە ئامراق كېلىدۇ. بۇنى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان شوپۇرلارنىڭ ئاسان قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدەك ھەم قائىدە بويىچە يولدىن ئۆتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاسان قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغىنىدەك بىر ئىش دەپ قارىساق بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:37:26

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ