ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ؟

ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز گەرچە داۋاسىنىڭ يوقلۇقى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇن مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قورقۇنۇچلۇق ۋابا دەپ ئاتالسىمۇ، ئەگەر سىز ئۆز قىلمىشىڭىزغا مەسئۇل بولسىڭىز، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسىڭىز، مۇقىم جىنسى جۆرىڭىزدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ قېنى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېنىڭىزگە كىرىپلا كەتمىسە ھەرگىز يۇقۇملانمايسىز دېمەك ئەيدىز بىر خىل قىلمىش كېسىلى

ئۇنداقتا ھازىر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار، بىز قانداق قىلساق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟

ئالدى بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندا ئىنتايىن ئاجىز ۋىرۇس، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى،سۇپۇن سۈيى،ئىسپىرىت ھەتتا كۈچلۈك كۈن نۇرى، شامال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ. دېمەك ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋادىن يۇقمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن،بىللە خىزمەت قىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. مەسىلەن: يۇقۇملانغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قۇچاقلاشقاندا، بىللە تاماق يېگەندە، تېلېفون، مۇنچا ھاجەتخانىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقمايدۇ.

لېكىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قان بىلەن ئۇچىرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان سايمان قوراللارنى مەسىلەن ساقال قىرغۇچ، چىش چوتكىسى ۋە ئۇكۇل دىگەنلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك( مەيلى ئۇ كىم بولمىسۇن،چۈنكى بىز كىمنىڭ تېنىدە ۋىرۇس بارلىقىنى بىلمەيمىز)، بۇلاردىنمۇ يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار.

ھاشارەت ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرمايدۇ، بىراق كىشىلەر دائىم پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرامدۇ دەپ سورايدۇ. پاشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات يوق.

سەۋەبى بۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشنىڭ شەرتى ھازىرلانمايدۇ. ئالدى بىلەن پاشا ئادەمنى چاققاندا ئاۋۋال چاققان ئادەمنىڭ قېنىنى ئىككىنچى ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتمەيدۇ.

پاشا پەقەتلا ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى چاققان ئورۇنغا چىقىرىپ ئاندىن چاقىدۇ. ئاندىن قالسا، پاشىنىڭ نەشتىرىدىكى قان قالدۇقلىرىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ۋىرۇس ئىنسانلارغىلا خاس ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ ھاشارەتنىڭ تېنىدە ياشىيالمايدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، يەنى يۇقۇملانغۇچى بولۇشى، تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان يېتەرلىك مىقداردىكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇشى ۋە مۇشۇ سۇيۇقلۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك. مانا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقماسلىقنىڭ سەۋەبى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:38:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ