ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز شۆلگەي ئارقىلىق تارقىلامدۇ؟

ئەيدىز شۆلگەي ئارقىلىق تارقىلامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

شۆلگەينىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز ئەيدىز ۋىرۇسى مىقدارى پەقەت مەلۇم بىر مىقدارغا يەتكەندىلا ئاندىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بەزى كىشىلەر ھېسابلاپ باققان بولۇپ ، شۆلگەينىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقۇملۇق دەرىجىدە كۆپەيتىش ئۈچۈن ، بىر قېتىمدا 20 مىللىلېتىردىن يۇقىرىراق (3~4 قوشۇق) ئەيدىز كېسىلى بار ئادەمنىڭ شۆلگيىنى يۈتۈش كېرەك .

ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا ئالىملىرى يەنە ئادەمنىڭ شۆلگىيىدە بىر خىل ” ئاجراتمىلىق ئاق قان ھۆجەيرە تورمۇزلىغۇچى ئاقسىل فېرمېنتى ” نى بايقىغان . بۇ خىل ئاقسىل مادىسى تەجرىبە نەيچىسى ئىچىدە ئۈنۈملىك ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئىممۇنىت ھۆجەيرىسىنى تورمۇزلىغان ، شۇڭلاشقا ئادەتتىكى سۆيۈشۈش ، بىرلىكتە غىزالىنىش ، يۆتىلىش ، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ .

ھازىرغىچە بولغان دوكلاتلاردا شۆلگەي ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن . لېكىن ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ، ھەم چىش مىلىكى قاناش ئەھۋاللىرى بار ۋاقىتتا سۆيۈشۈش ، ھەم ئېغىز بىلەن لەززەتلەندۈرۈش بولغاندا ، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىسپىرمىسى ئېغىزغا كىرىپ كەتكەندە ، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىسى ئارقىلىق قانغا كىرىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:39:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ