ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز سىتودىنت ئەيدىز كېسىلى سەۋەپلىك ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكىمۇ بەرداشلىق بىرەلمىدى بەش يىللىق ئوقۇشى پۈتمەي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا-ئۆيىگە قايتىپ كەتتى كېسەللىك ئۇنىڭغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى ئاتا-ئانىسى دەرت-ئەلەمدە قالدى
ئۇ ئالى مەكتەپكە بىلىم ئالغىلى، شۇ ئارقىلىق بىلمىگەننى ھەم بىلىشكە تېگىشلىكنى بىلىۋالغىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، ئۆزىنى قوغداش-ئاسراشقا ماھىر بولغىلى بارغان ئىدى. ئەمما، ئەيدىز ئۇنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئەسلىدە ئۇ ئالى مەكتەپكە ئوينىغىلى، تۈگۈمەس ئويۇن-تاماشىلاردىن خۇددى خۇمار بولغاندەك ھوزۇرلانغىلى بارمىغان ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئالى مەكتەپتە ۋاقتىنى، كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمىگەن ئىدى، ئالى مەكتەپتە بىلىم ئىگەللەشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيالمىغان ئىدى. خۇددى «بىلگىنىڭدىن كۆپتۈر بىلمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دېگەندەك، بىلىشكە تېگىشلىكنى بىلمەسلىك، ئالى مەكتەپتە نېمە ئىش قىلىشنى ھېس قىلالماسلىق سەۋەپلىك، مېڭىشقا تېگىشلىك بولمىغان يولدا مېڭىپ، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ، جىسمىنى نابۇت قىلىپ، روھىنى قىممەتكە ئىگە قىلماي، ئۆزىنى ئامالسىزلىققا، ئاتا-ئانىسىنى ئىلاجىسىزلىققا دۇچار قىلدى.
ئۇ ئالى مەكتەپتە ئۆزىنى باشقۇرالمىدى، ھېسسىياتىنى كونترۇل قىلالمىدى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى توغرا يولغا سالالمىدى. ئاتا-ئانىسى كۆرمەيدىغان، بىلمەيدىغان، باشقۇرالمايدىغان ئالى مەكتەپتە «ئاقىللار»چە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئويناشنى، تاماشا قىلىشنى، «داڭلىق» كىيىنىشنى، قۇيرىقى ئۈزۈلمەس مېھمان بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇشىنى بىلىم ئېلىشنى خالىمايدىغان شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپ، «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» بولۇشتەك ئاقىۋەتتىن بەھرىمان بولدى. بۇ ئاقىۋەتنىڭ مەزمۇنى ئۇنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ جاۋابى ھېسابىدا ئەيدىز بىلەن تارتۇقلاش بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاچان، قەيەردىن، كىمدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ بولالمىدى. ئۇنى مېھمان قىلغان، ئۇنى ئايلاندۇرغان، ئۇنى ئويناتقان، ئۇنى خوش قىلىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقناتقۇدەك سوغىلارنى تەغدىم قىلغان ئەرلەردە ئەيدىز باردەك قىلمايتتى. ئۇلار پۇزۇر كىيىنگەن «قاملاشقان» ئەرلەر بولۇپ، ھېچبىر مەينەت يەرلەرگە بارىدىغانلاردەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدە، پاھىشىخانا مەينەت يەر ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئالى مەكتەپنىڭ پاكىز ئوقۇغۇچىسى دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆزى ئارىلاشقان ئەرلەرنىڭ باشقا قىز-ئاياللار بىلەنمۇ ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايتتى. ئۇلار مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ مەستانە بولۇپ يۈرۇيتتى. ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى ھەم ئارىلىشىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى.
ئالى مەكتەپتىكى ياشلىق مەزگىلىدە، بىر ئۆي بېشىغا كىيىلمىگەن ئەركىن مەزگىلىدە ئوينىۋېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىشنى ئەخمەقلىق دەپ قارايتتى. ئۇ بىر كەچلىكى ھاراق سورۇنىدا مەست بولۇپ قالغاندىن كىيىن، ھاراق سورۇنىغا باشلاپ بارغان يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى ئەتىسى مېھمانسارايدىكى ياتاقتا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىلىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ قىزلىقىنى ئۆزىگە ئىگە بولماقچى بولغان يىگىتنىڭ بىر مۇنچە تاتلىق-شىرىن گەپلىرى ھەم مېھمان قىلىش بىلەن سوغاتلىرىغا تىگىشىۋەتكەن ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن بولغۇلۇق بولدى، كۆرۈپ باقمامدىم-تېتىپ باقمامدىم دېگەندەك، كىم ئويناتسا شۇنىڭغا ئوينىشىپ بىرىپ يۈرىۋەردى. ئارىلىقتا ئىككى قېتىم خۇسۇسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ بالا ئاغۇزدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، چاندۇرمايمەن دەپ ئوبدان دەم ئالماي سالامەتلىكىدە چېكىنىش كۆرۈلدى. ئەمما مەخسۇس تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشنى خالىمىدى.
بەش يىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇشىنىڭ تۆتىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭدا ئاياللار كېسىلى كۆرۈلۈپ دوختۇرغا بارمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىۋىدى، «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭدا ئويلاپ باقمىغان-كۈتمىگەن كېسەللىك مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ بالياتقۇسىدا ئۆسمە پەيدا بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئەيدىز بىلەنمۇ يۇقۇملانغان ئىدى. «كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، ئۇ بۇ كېسەللەر ئالدىدا ھاڭۋېقىپ قالدى، نېمە قىلارىنى بىلمەي تېخىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتتى.
ئۇ ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بەك ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما ئەيدىزنىڭ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئۆلۈمنى چىللاپ كەلگەنگە ئوخشايتتى. ئۇ ساقايتقىلى بولمايدىغان ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يەردە، بالياتقۇدىكى ئۆسمىنى داۋالىتىپ نېمە كەپتۇ، دەپ ئويلاپ ئاۋالقىدەك ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەردى.
ئۇ يازلىق تەتىلگە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، يىقىلىپ قالدى، يېتىپ قالدى. ئاتا-ئانىسى دوختۇرغا ئاپىرايلى دىسىمۇ ئۇنىمىدى. ئانىسى ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرنىمىلەرنىڭ قۇيۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ مەجبۇرى دوختۇرغا ئاپاردى. دوختۇر تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلدى.
ئۇ تەتىل توشۇپ مەكتەپكە بارالمىدى. ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرەلمىدى. بىر نەچچە ئايلاردىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىنى دەرت-ئەلەمدە قۇيۇپ ئازاب بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.