ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىرۇسى پاشانىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىنمۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى پاشانىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىنمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

شىنخۇا تورى خەۋىرى ، “جىياڭنەن كۈندىلىك گېزىتى “نىڭ خەۋىرىدە مۇنۇلار دېيىلگەن ، پاشىنىڭ چېقىشىدىن ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدىكەن ، شۇڭلاشقا كۆپلىگەن كىشىلەر پاشىنىڭ چېقىشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆز ئارا يۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش چىقارماسلىقتىن ناھايىتى ئەنسرىدەيغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

لېكىن مەملىكەت جىنسىي كېسەللىك ، ماخاۋ كېسىلى كونتىرول قىلىش مەركىزى قوشۇمچە مەسئۇل مۇدىر جاڭ گوچىڭ پىراففىسور بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بەردى ، پاشا چېقىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى تارقىلالمايدۇ .

جاڭ گوچىڭ پىراففىسورنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى پاشىنىڭ تېنى ئىچىدە كۆپىيەلمەيدۇ ھەم يېتىلەلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا بىئولوگىيىلىك ئاارقىلىش ئارقىلىق تارقىلالمايدۇ .

مىخانىك تارقىلىش ئۇسۇلىمۇ پاشىنىڭ بەدىنىدە ئېلىپ بېرىلالمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ، پاشا قان شۈمۈرۈشنىڭ ئالدىدا ، ئاۋۋال شۆلگەي نەيچىسىدىن شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىدۇ ، بۇ سۇيۇقلۇق سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئېگە بولۇپ ، قان شۈمۈرۈشكە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ . ئاندىن قىزىلئۆڭگەچ نەيچىسى ئارقىلىق قان شۈمۈرىدۇ ، قان سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا يېنىپ چىقمايدۇ .

يەنە بىرسى پاشىنىڭ ئاغزى ئەتراپىدا قېلىپ قالغان قالدۇق قان مىقدارى ئاران0.00004مىللىگىرام بولغاچقا ، قايتا قايتا 2800 قېتىم چاققاندىن كېيىن ئاندىن HIV ۋىرۇسىغا يۇقۇملىنىدۇ ، يەنە كېلىپ ، پاشا ئەيدىز ۋىرۇسى بار قاننى شۈمۈرۋالغان تەغدىردىمۇ ، ئەيدىز ۋىرۇسى 2~3 كۈن ئىچىدىلا ، پاشىنىڭ ئاشقازىنىدا ھەزىم بولۇپ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ . پاشىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا قارغاندا ، پاشا بىر تويۇنۇپ قان شورىۋالغاندىن كېىين ، پەقەت پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىپ بولغاندىن كېىين ئاندىن قايتا قان شورايدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقاتماق ناھايىتى تەس .

نۆۋەتتە، دۇنيا مىقياسىدا ، بىرەر قېتىممۇ پاشا ياكى باشقا ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى تەرىپىدىن ئەيدىز كېسىلگە گىرىپتار بولغان كېسەل ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىدى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:48:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ