Html code here! Replace this with any non empty raw html code and that's it.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشى ئاساسلىقى، داۋالاش سايمانلىرى پاكىز بولمىغانلىقتىن، داۋالانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ

ئوكۇل سېلىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى (كاۋاك ياكى توم بولۇشى)، ئوكۇلنىڭ چوڭقۇر سانجىلىشى، يىڭنىنىڭ ئۇچىدا قان بولۇش – بولماسلىقى، ئاغرىقنىڭ يۇقۇملىنىش باسقۇچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بار داۋالاش سايمانلىرى تېرىگە سانجىلىپ كەتسە ياكى شىللىق پەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار تەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىپ كەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.5 –– % 0.3كە يېتىدۇ. تەتۈر خاتىرىلىگۈچى فېرمېنت ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى ئىچكەندە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. قان بەرگۈچىلەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، قانۇنسىز قان تەقدىم قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛

2. بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شپىرىس، ئوكۇل يىڭنىسى ۋە قۇرۇق يىڭنىلەرنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، ئۇلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىش؛ ئوپېراتسىيە سايمانلىرى، ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرۈش ئەينىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىش؛

3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپرەك رايونلاردا ئاغرىقلارنى داۋالايدىغان تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش؛

4.ئەزا، توقۇلما ئارقىلىق ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ماقالىلەر دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
  3. باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمونلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمونلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسلى ئاپتور ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
647FollowersFollow
1,610SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img