ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز يۇقمايدىغان 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى

ئەيدىز يۇقمايدىغان 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز يۇقمايدىغان 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى

әйдиз юқмайдиған 10 хил турмуш адити

 

ئەيدىز بىمارى دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمىزدا، كۆپىنچىمىزنىڭ بەدىنى شۈركىنىپ كېتىدۇ، ۋە بۇ بىمار يېقىنراق تۇرۇپ گەپ قىلىپ قالسىمۇ، ماڭا ئەيدىز يۇقۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسرەيدىغانلار بار. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ئۇنچىۋالا ئاسان يۇقىدىغان كېسەللىك ئەمەس. ئەيدىز ۋىرۇسى بىمارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە كۆپ مىقداردا كىرگەندە ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە يۇقۇملىنىدۇ. بۇ يەردە سۇيۇقلۇق دىگىنىمىز: قان، ئانا سۈتى، جىنسىي يول ئاجراتما سۇيۇقلۇقلىرى… لارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

تۆۋەندە، تورداشلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قايسى ئادەتلىرىمىزدە ئەيدىز يۇقمايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرىمىز.

  1. ئەيدىز بىمارى بىلەن يۈزمۇ يۈز پاراڭلاشسىڭىز ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەنسىرىمەڭ، كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىڭ.
  2. قول تۇتۇشۇپ، يۈز يېقىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشسىڭىزمۇ ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەمما كورونا ۋىرۇسى يۇقۇش ئىھتىماللىقى بەكرەك يۇقىرى. شۇڭا يەنىلا تەۋسىيە قىلمايمەن.
  3. ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولسىڭىز، قونسىڭىز ئەيدىز يۇقمايدۇ.
  4. بىر ئۈستەلدە تاماق يىيىش ھەتتا ئوخشاش تەخسىدىن پىشۇرۇلغان كۆكتات ئېلىپ يىسىڭىزمۇ ئەيدىز يۇقمايدۇ.
  5. ئوخشاش ئۆي بويۇملىرى، ئوخشاش چىش پاراشوكى ئىشلەتسىڭىز ئەيدىز يۇقمايدۇ.
  6. يۆتەل، چۈشكۈرۈش. ئەيدىز بىمارى ئالدىڭىزدا بىر ئىككىنى چۈشكۈرۈپ قويغانغا، يۆتىلىپ قويغايغانغا سىز ئەيدىز بولۇپ قالمايسىز.
  7. پاشا چېقىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى پاشىنىڭ بەدىنىدە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ.
  8. ئەيدىز يولدىشى ياكى ئايالى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشتا ئەر تەرەپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتسە، ۋە بەزى نوقتىلارغا دىققەت قىلسا ئەيدىز يۇقمايدۇ.
  9. ئەيدىز كېسىلى بار يولدىشى، ئايالى، ۋەيا ئاتا-ئانىسى بىلەن دىققەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنچىغا چۈشسە ئەيدىز يۇقمايدۇ.
  10. ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى دوختۇر تەۋسىيەسى بىلەن قوللىنىپ تۇرۇپ، ھامىلدار بولالايدۇ ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئىھتىماللىقتا ساغلام بالا تۇغالايدۇ.

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان نوقتىلارنىڭ كۆپىنچىسى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردۇر. كۆپىنچىمىز، بۇ يوللاردىن ئەيدىز يۇقۇپ قالىدۇ دەپ بەك ئەنسىرەپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقارقى يوللاردىن ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەيدىز بىمارى توغرا دورا ئىشلىتىش، تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، باشقا ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش، ھەتتە كۆپىنچە كىشىلەردىنمۇ ئۇزۇن ياشقىچە ياشىيالايدۇ، بالىلىق بولالايدۇ، بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئەمما ھازىرقى ئەھۋال بولسا، بىمار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، غەيرىتى بىلەن ساغلاملىق جەھەتتىن كېسەلنى يەڭگەن بىلەن، جەمئىيەتتىكى نادانلىقنى، جاھىللىقنى يېڭىشى تەس بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ھېلىھەم ئەيدىز بىمارىنى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىش، ئارىغا ئالماسلىق، خىزمەت پۇرسىتى ۋە ئوقۇش پۇرسىتى بەرمەسلىك، ئارقىسىدىن سۆز چۆچەك تارقىتىش، مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ھەتتا ساغلام بالىلىرىنىمۇ مەكتەپتە، يەسلىدە ئارىغا ئالماسلىق، ئالدۇرماسلىق ئەھۋاللىرى بولۇۋاتىدۇ.  بۇنداق نادانلارچە بولۇۋاتقان كەمسىتىشلەرنى قاتتىق توسۇشىمىز لازىم. ئەيدىز بىمارلىرىغىمۇ ھۆرمەت، ئىززەت لازىم، ئۇلارغا ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، ئاددىيسى نورمال ئادەمدەك ياشاش ھوقوقىنى بېرىشىمىز لازىم.

ئەگەر ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا قىززىقسىڭىز، ئەيدىزنىڭ يۇقىدىغان 8 ئاساسلىق يولىنى يەنە بىر ۋىدىئورىمىزدا تونۇشتۇردۇق.

ئەيدىزنىڭ يۇقۇشقا ۋەيا يۇقمايدىغان يوللارغا بولغان سوئاللىرىڭىز بولسا، بىزگە تارتىنماي ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر فىلىمىمىزنى پايدىلىق ھىس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇپ قويۇشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزغا تارقىتىپ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزگە ئەڭ چوڭ مەدەتتۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-13 / 10:59:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ