ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى بايقاش ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسلىق يولى

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى بايقاش ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسلىق يولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى بايقاش ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسلىق يولى لېكىن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنى كەمسىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ۋەھىمە ھېس قىلىشى بۇ خىزمەتنى ئاقسىتىپ قويماقتا

شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى كەمسىتمەيدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار دادىل تەكشۈرتەلەيدىغان، كېسەل ئەھۋالىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئاكتىپ داۋالىنىدىغان مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك. بۇ، ئەيدىزنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەشكە پايدىلىق.

ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدىن ئايرىلمايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، كىشىلەرنى ئەيدىزگە ئائىت بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى ۋە ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى تەكىتلەپ، ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن ئازادە ياشاش مۇھىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قەلب سىرلىرىنى ئاشكارىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالايدىغان ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، ئۇلارنى داۋالاپ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا ئاكتىپ يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئەيدىزگە ئائىت بىلىملەرنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئەتراپىدىكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارغا غەمخورلۇق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:38:05

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ