ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ

ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] دىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئادەم ئىممۇنىتت سېستىمىسىدا كەمچىللىك ( بۇزۇلۇش) كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەيدىزۋىرۇسى [HIV] ئادەتتە يۇقۇملانغۇچىنىڭ قان، جىنسى ئاجراتمىلىرى ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۈت بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] نى يۇقتۇرىۋېلىشى مۇمكىن

ھازىر دۆلىتىمىزدە ئەيدىز [AIDS] نىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشى ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش بولۇۋاتىدۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشىنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلاپ، يۇقۇملانغان ئاياللار ۋە يۇقۇملىنىپ توغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا، دېمەك بۇ كېسەللىك يەنە شۇ كۆپچىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئويلىغىنىدەك مەلۇم ئادەملەر توپىنىڭ(مەسىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر) ئارىسىدىكى كېسەللىكلا بولماستىن، ئاللىقاچان ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىغا تارقىدى دىگەن گەپ. ئۇنداقتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچىرىشىشتا باشقىلارنىڭ يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ ئەلۋەتتە، ئۆزى دېمىسە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىكى بەزىبىر كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ئانچە مۇنچە پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالامەتلەر يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىلىۋالساق بەلكىم مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىشتىن قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن.

1. كۆپ چارچاش، ئورۇقلاش: يۇقۇملانغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قىينىلىدۇ، يۇيۇنۇش تارىنىشتەك ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ. چىش مىلىكى ئاغرىش، تاماققا ئىشتىھاسى بولماسلىق سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ ۋە بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىدۇ ھەتتا ئېغىرلايدۇ.

2. ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر: ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار توپىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى سەۋەبلىك تاڭلاي، تىل، چىش مىلىكى ۋە كاناي قاتارلىقلاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، تاماق يېيىشى قىيىنلىشىدۇ، چايناپ يۈتۈشى تەسكە توختايدۇ.

3. تولا ئىچى سۈرۈش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ئادەمدە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بەدەن ساپاسى تېز تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

4. ھەر خىل قاپارتمىلار: يۇقۇملانغۇچىلاردا ھەر خىل قاپارتما(قوقاق)كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ئادەتتىكى قاپارتمىغا قارىغاندا چوڭقۇر ھەر چوڭ بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ساقايمايدۇ.

5. لىمفا ئىششىش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بويۇن، قولتۇق ئاستى ۋە چاتلىرىدا ئاغىرمايدىغان قاتتىق نەرسە پەيدا بولىدۇ، بۇ ھەم يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى تېز سۈرئەتتە بۇزىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

6. ئۆپكە ياللۇغلىنىش: يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى(卡氏肺孢子菌肺炎) باشقا ئادەملەردە كۆرۈلگەندىكىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى كۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكنىڭ بىرسى.بۇ خىل يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە بىمارنىڭ نەپەس ئېلىشى تۇيۇقسىز قىيىنلىشىپ ئەھۋال تېز ئېغىرلىشىدۇ ھەم ئاسانلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

7. تېرە كېسەللىكلىرى: تەخمىنەن 30 پىرسەنت يۇقۇملانغۇچىلاردا كاپوسى گۆش ئۆسمىسى(卡波氏肉瘤) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسمە كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا تېرىدە تۇيۇقسىز ئىنتايىن كىچىك سۆسۈن رەڭلىك داغ پەيدا بولىدۇ ۋە چوڭىيىپ كۆپىيىدۇ، ئەمما بىمار ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ.

8. لىمفا راكى: يۇقۇملانغۇچىلاردا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(راك)كۆرۈلسە ھەم لىمفا سېستىمىسىغا كېڭەيسە ئاسانلا پۈتۈن بەدەننى قاپلاپ لىمفا راكىغا ئايلىنىدۇ.

9. قېرىش: يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتنىڭ بىرسى دېۋەڭلىك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشتۇر.

بۇلار ئەمەلىيەتتە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، لېكىن 20نەچچە ياش 30نەچچە ياشلىق يۇقۇملانغۇچىلاردىمۇ بۇ خىل كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بىمارلارنىڭ روھىي ھالىتىدە چۈشكۈنلىشىش بولىدۇ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. يۇقارقىلار يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى، يەنە كېلىپ نەچچە خىل ئالامەت تەڭلا كۆرۈلىشى مۇمكىن.ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەر قانداق بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] دىن يۇقۇملانمىغان ئادەمدىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ئالامەتلەرنىڭ مەلۇم بىرسى ياكى بىر نەچچىسى كۆرۈلگەنگە قاراپلا باشقىلارنى يۇقۇملانغۇچى دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، زادى يۇقۇملانغانمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلىش ئۈچۈن شۇ كىشىدىن قان ئېلىپ مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] ئانتېتلاسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل. يۇقارقى ئالامەتلەر مەلۇم كىشىدە كۆپ كۆرۈلگەندە ھەم ئۇ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك ئىش ھەرىكەتلەردە بولغان تارىخى بولسا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، بۇ يەنە تىببى خادىملارنىڭ ئالدىغا كەلگەن بىمارلارنى داۋالاش پەرۋىش قىلىش جەريانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇرلاردۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:17:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ