ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشى

ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

قاندىن يۇقۇش ئەيدىزنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يۇقۇش يولى ئىچىدىكى ئاساسلىق بىرسى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى

يۇقۇملانغۇچى تېنىدىكى ھەر خىل سۇيۇقلۇقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى مەۋجۈت بولىدۇ، بولۇپمۇ قاننىڭ تەركىۋىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى مەلۈم يوللار ئارقىلىق، مەسىلەن قان سالدۇرۇش، تىغلىق ياكى ئۇچلۇق (زەخمىلەندۈرىدىغان) داۋالاش سايمانلىرىنى قايتا ئىشلىتىش ياكى دېزىنفكسىيە قىلماي ئىشلىتىش، ( زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر) ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش …………. قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككىنچى بىرەيلەننىڭ تېنى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ.

2005-يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80%تىن كۆپرەكى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ يۇقۇملانغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىدىلا تارقىلىدىغان كېسەل دەپ خاتا كۆز قاراشتا بولۇپ، ئەيدىزنىڭ باشقا يۇقۇش يوللىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن ئىدى.

ئەمما يېقىنىقى يىللاردىن بۇيانقى سىتاتېستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، يىلدىن يىلغا ئېشىش نىسبىتىمۇ بىر خىل خەتەرلىك ھالەتتە بولىۋاتىدۇ، بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تەربىيىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن مەلۈم دەرىجىدەمۇناسىۋەتلىك.

ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنىڭ نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسى، كەڭ ئاممىنىڭ ئەيدىزنى ئۆزىدىن يىراق دەپ ھېسابلاپ ئەيدىز بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى خالىماسلىقى، جەمئىيەتتە كەڭ ئامممىغا قارىتا تەشۋىقات تەربىيىنىڭ يېتەرسىز بولىۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ