ھازىر ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلار ئومۇميۈزلۈك نامرات رايون، نامرات ئائىلىلەردە ياشاۋاتىدۇ ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى ئائىلىلەر بالىلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، بالىلارنىڭ يېمەكلىك مەنبەسى، ئوزۇقلىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولالماي، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەم تېگىشلىك داۋالىنىش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يېتىم بالىلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئادەتتىكى بالىلاردىن ئېغىر ئىكەن ھەم ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى نورمالسىز ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەيدىز يامرىغان رايونلاردىكى بالىلارنىڭ خارلىنىش ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى كۈچەيگەن. بەزى بالىلار قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا سەرگەردان بالىغا ئايلانغان، بەزىلىرى، ئويۇن قويۇپ پۇل تاپىدىغان ياكى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ ئائىلىسىنى باقىدىغان كۈنگە قالغان. قىزلارنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىچىكلا ياتلىق قىلىۋېتىلگەن. بەزىلىرى شەھەرلەردە سەرسان بولۇپ، تېنىنى سېتىپ ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بەزى دۆلەتلەردە كاندا پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغان بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېتىم بالىلار ئىكەن. ئائىلە خىزمەتكارلىقى قىلىدىغان بالىلارنىڭ %75تىن كۆپرەكى، سودا خاراكتېرلىك مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ %65ى، كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنىڭ % 56ى يېتىم بالىلار ئىكەن.
ئىلنۇر سابىر تەرجىمىسى