گەپ قىلىشمۇ بىر سەنئەت

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مېھرىگۈل تۇردى

يېقىندا كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغان بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىم بولغاچقا، قىزغىن كۆرۈشۈپ:

ــ يېقىندىن بۇيان قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟ – دېدىم.

ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

ــ يامان ئەمەس، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن نەچچىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇم، سەنمۇ كەلگىن،- دېدى.

مەن ئەتىسى دېگەن قەرەلىدە دوستۇمنىڭكىگە باردىم. دوستۇمنىڭ دېگىنىدەك، ئۆيگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىكەن، ھەممىمىز ئېچىلىپ – يېيىلىپ خۇشال – خۇرام ئولتۇردۇق. ئارىدا بىر دوستىمىز تۇيۇقسىزلا:

ــ ئاداش، ئاڭلىسام ئاجرىشىپ كېتىپسەن، تېخى بالاڭغىمۇ ئىگە بولالماپسەن، – دېدى، ئۆي ئىگىسىگە ئۇدۇللا. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن‹‹ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغان ››دەك ئارىنى جىمجىتلىق باستى. ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە دوستۇمغا قاراشتى. ئۇنىڭ ئاجراشقىنىنى ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى بولمىسا كېرەك، بىردىنلا تاتىرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى ‹‹ بۇلۇت ›› قاپلىدى.

ــ بولدىلا، ئۇ ئىشنى سۆزلەپ يۈرگۈم يوق، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشەلمەي، ئاران دېگەندە يىغىلىپ خۇشال ئولتۇرغاندا ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېسىمگە سېلىپ نېمىمۇ قىلاتتىڭ؟، -دېدى ئۇ ھېلىقى دوستىمىزدىن رەنجىگەن ھالدا.

قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپنى قىلىپ كەيپىياتنى بۇزغان ئۇ دوستىمىز ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئورنىغا تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ، رەنجىگەن ھالدا سورۇندىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى. شۇ پەيتتە مەن كەيپىياتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە:

ــ دوستلار، بىز بۇ يەرگە دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئاز – تولا بولسىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق، بايىقى دوستىمىزنىڭ قىلغىنى توغرا بولمىدى، بەلكىم ئۇمۇ بۇ گەپنى غەرەزسىز قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بولدى، ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلىپ، كۆڭۈللۈك ئولتۇرايلى، – دېدىم. بۇنىڭ بىلەن كەيپىيات سەل ئوڭشىلىپ، سورۇن خۇشال ئاخىرلاشتى. لېكىن، بايىقى دوستىمىزنىڭ سۆزى مېنى ئويغا سالدى.

كونىلاردا ‹‹ ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە ›› دەيدىغان گەپ بار. ئېغىزدىن چىققان گەپ خۇددى يادىن چىققان ئوققا ئوخشايدۇ. گەپنى ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىش – قىلالماسلىقىنى ئويلاشقان ئاساستا قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چۆكۈرۈش، كەمسىتىش، مەنسىتمەسلىك، يېغىرىنى تاتىلاش مەقسىتىدە قىلماسلىق كېرەك. جايىدا، لايىقىدا قىلىنغان سۆز دىلنى سۆيۈندۈرسە، ئورۇنسىز سۆز گەرچە راست بولسىمۇ دىلنى رەنجىتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، گەپنىڭ راست ياكى يالغان بولۇشى ئۇنىڭ قانداق تەسىر پەيدا قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى شۇنداق بىر نۆۋىتى كەلگەندە، ئانچە – مۇنچە يالغان گەپ قىستۇرۇپ باشقىلارنى خۇشال قىلغىلى، مىسكىن كۆڭۈلگە تەسەللى بەرگىلى ۋە ياكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بىز گەپ قىلىشتىكى مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئۆگىنىۋالايلى: ‹‹ گېپىم راست دەپ سۆزلەۋەرمەڭ، ئورۇنسىز گەپنى قىلمايلا قويۇڭ ››.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:26:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ