ئانا سەھىپەبىلىمئاساسىي بىلىملەرغەرىپ مىدىتسىنا داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

غەرىپ مىدىتسىنا داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил
  1. غەرىپ مىدىتسىناسى دىگەن قانداق بىر داۋالاش سىستېمىسى؟

غەرىپ مىدىتسىناسى ئاساسلىقى بەدەننىڭ ئاناتومىيىلىك شەكلى ۋە فىزىئولوگىيىلىك رولىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولغاندا شۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ. ھەم مۇشۇ ئىككى نۇقتىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىلغار پەن تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن بەدەن شەكلى، قان، ياللۇغ

غەرىپ مىدىتسىناسىنىڭ تارىخى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە جۇڭيى تىبابىتىگە قارىغاندا تارىخى قىسقا دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بەك بۇرۇنقى غەرىپ مىدىتسىناسى لاتىنچە، گىرىكچە، ئانگلوساكسونچە قاتارلىق تىللارنى ئىشلەتكەن مەدەنىيەتلەر ئېمپىراتۇرلاردىكى دوختۇرلار تىۋىپلار تەجرىبىلىرىنى يەتكۈنلەپ قىلغان. 1500 يىللىرىدىن تارتىپ تەجرىبىگە ئاساسىدا داۋالاشتىن ئاستا ئاستا خىمىيىۋىلىك تەجرىبىلەر، ئۈسكۈنىلەر بىلەن دىئاگنوز قويۇشقا باشلىغان.

 

  1. غەرىپ مىدىتسىناسىدا كېسەللىكلەرنى قانداق تەكشۈرىدۇ، قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ؟

غەرىپ مېدىتسىناسى تەكشۈرۈش پرىنسىپى:
ئەڭ زىيان يەتكۈزمەسلىكتىن، ئەڭ زىيان يەتكۈزۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش پىرىنسپى بىلەن تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقا تىرىشىدۇ.

1) كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش.

2) بەدەن تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى (قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش، بەدەننىڭ ھەرخىل ھالەت، تاشقى قىياپەتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تىڭشىغۇچ، قان بېسىمى ئۆلچىگۈچ، )

3) قان تەكشۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرەت، تۈكۈرۈك تەر تەكشۈرۈش، رېنتىگىن، سى تى…ۋە باشقا تەجرىبىخانا شارائىتى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش

4) ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش

 

  1. غەرىپ مىدىتسىناسىدا تىببىي ئوقۇغۇچىلار قانچە يىل ئوقۇيدۇ؟ قايسى دەرىسلەرنى ئوقۇيدۇ؟

ۋەتەندە  غەرىپ مىدىتسىناسى 5 يىل، 1 يىل تەييارلىقنى قوشۇپ 6 يىل بولىدۇ.

ئامېرىكا، كانادا 4 يىل ئومۇمىي پەننى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن دوختۇرلۇقنى تاللايدۇ،

تۈركىيە، 1-2 يىل تىل تەييارلىقى، 6 يىل مېدىتسىنا ئوقۇش بولىدۇ.

ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ ئوخشىشىپ قالىدىغان شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن.

بىرىنجى يىل تىل تەييارلىقى، ئاكادېمىكنىڭ 1،2 يىللىرى ئاساسي بىلىم دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ.

ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، بىئوخىمىيە، پاتولوگىيە، دورىگەرلىك، مىكروبىئولوگىيە، .. ۋە بۇنىڭدىن سىرت قوشۇمچە كىچىك دەرىسلەر بار.

ئۈچىنجى يىل، تۆتىنجى يىلدا كلىنىك بىلىملىرىنى ئوقۇيمىز. ئىچكى كېسەللىك بىلىملىرى، تاشقى كېسەللىك بىلىملىرى، ئاياللار تۇغۇت كېسەللىكلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى، جىددي قۇتقۇزۇش كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، پىسخولوگىيە، تېرە كېسەللىكلىرى … قاتارلىق كلىنىكتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئۆتىدۇ.

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇردوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:47:11

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ