ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكگىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىكى مەخپىيەتلىكلەر

گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىكى مەخپىيەتلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

گرىم بۇيۇملىرى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىلسە، كېشىلەرگە ساغلاملىق ۋە گۇزەللىك بېغىشلاپ روھنى جۇشقۇنلاشتۇرىدۇ بەزى تۇغما كەمتۇكلۇكنى تولۇقلايدۇ

ئەگەر مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىلمىسە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زىيادە سەزگۇرلۇك رىئاكسىيسى دائىم ئۇچرايدىغان ئۋارىچىلىق ئۇنىڭدىن باشقا سەپكۇن ئېمۇلىسيىسى سەپكۇن، سېرىق قوڭۇر داغ قاتارلىقلارغا ئۇنۇم بېرىدۇ. ئەمما ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، ئاق داغ پەيدا قىلىپ بەرەس كېسەللىكىگە ئوخشىتىپ قويىدۇ. گىرىم سۇركەلمەي قالغان ئورۇنلار قارا رەڭلىك جەمبىرەك ھاسىل قىلىپ ، يۇزنى ئالچىپار قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن گىرىم بويۇملىرىنى مۇۋاپىق تاللاش ۋە مۇۋاپىق ئىشلتىىشنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىدىن خەۋەردا ر بولۇش كېرەك.

گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىكى مەخپىيەتلىكلەر

1. ياش ئاياللارنىڭ تېرىسىدە خولىستېرىننىڭ مىقدارى يۇقۇرى، تەر بەزلىرى بىلەن تېرە بەزلىنىڭ ئاجرىتىشى بىر قەدەر كۇچلۇك بولۇپ ئۇزۇقلۇق خاراكتېرلىك گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز . ياز كۇنلىرى سۇيۇق گىرىم بويۇملىرىنى، قىش، كۇز كۇنلىرىدە يۇز مېيى ياكى ئېمۇلىسىيە(سۇتسىمان ياسالما)لارنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.

2. 25ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا تېرە توقۇلمىلىرى تەبىئىي نەملىكنى تەڭشىگۇچى ئامىللار بىلەن خولېستېرىننىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ قورۇقلار چوڭقۇرلىششقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇزۇقلۇق خاراكتېرلىك گىرىم سۇيۇقلۇقلىرى نەملىكنى تەڭشىگۇچى ئېمۇلىسىيلەر ۋە ھەسەل تۇرىدىكى يۇز مايلارنى ئىشلىتىپ تېرىنى ئاسىراش لازىم.

3. 40~50ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا، فىزىئولوگىيلىك ماددا ئالمىشىپ ئاجىزلىشىپ، تېرىدىكمى ئىنچىكە قورۇقلار چوڭقۇرلىشىدۇ. قوڭۇر پىگىمىنىت داغلارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %60بولۇپ ئەرلەردىن %10 كۆپ . 80ياشتىن ئاشقاندا قېرىلىق پىگىمىنىت داغلىرى %100 كە يېتىدۇ، شۇڭلاشقا تەركىبىدە كۇچلۇك بىئولوگىيلىك گورمىن ۋە ئەسلىگە ياندۇرغۇچى ماددىلار بولغان قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار مايلارنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق. گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1)گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئىلگىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى ئىسسىق ۋە نېيتىرال سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇۋىتىش كېرەك.

2)ئىمكانقەدەر رەڭسىز، پۇراقسىز گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاش ھەمدە گىرىم بويۇملىرىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

3)يېڭى گىرىم بويۇمنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى قولاقنىڭ كەينى، بىلەكنىڭ ئالدى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىر-ئىككى كۇن سىناق قىلىپ سۇركەب بېقىش، تېرە زەخمىلىنىش كۆرۇلمىگەندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.

4)گىرىمنى بەك قۇيۇق سۇركىمەسلىك ئاز مىقداردا ئىشلىتىپ ئۇنۇمىنى كۆرۇش كېرەك،بەك قويۇق سۇركۇلسە چىرايلىق بولۇشنىڭ ئەكىسچە سەتلەشتۇرۋىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قويۇق سۇركەلگەن گىرىم تۇك تۆشۇكى ، تەر يوللىرىنى توسۇۋىلىپ رەڭلىك داغ، قارا چىكىتلىك داغ، دانىخورەك،تۇك خالتا ياللۇغى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

5)رەڭگى ماس كەلمەيدىغان ۋە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرىنى ئۆز تېرىسىنىڭ رەڭگى،كېيىمى ھەمدە مۇھىتقا قاراپ تاللاش، رەڭگىگە ماسلاشماي ئاجايىپ-غارايىپ كۆرنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

6)تەكشى بولماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، بويۇن بىلەن يۇز ئارىسىدا ئۇپا چېگىرىسى كۆرۇنۇپ قالسا ياكى قاشلىرى كۆمۇر سۇرگىگەندەك كۆرۇنسە ھەرگىز گۇزەللىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەڭ سەت كۆرۇنىدىغىنى لەۋ ئەڭلىكنىڭ تاماقتىن كېيىن كالپۇكى چۆرىسىدىلا قېپقېلىشى ، تىرناق لاكىنىڭ يېرىمى قېلىپ يېرىمى چۇشۇپ كېتىشى بولۇپ گىرىمنىڭ سۇپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۇزىدۇ.

7)يېشى چوڭراق ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە بەك قېنىق بولۇپ كەتمەسلىك، مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، لەۋ ئەڭلىكى شۆلگەيلەر ئارقىلىق ئېغىزغا كېرىپ كەتسە، ئىچكى ئەزالارنىڭ زەخمىلەندۇردۇ، يۇزگە سۇركەپ ئاپتاپقا چىقىپ سالسا چوقۇم سەپكۇن پەيدا قىلىدۇ. ئەتىر، ئۆسۇملۇك،ھايۋانات ھەمدە خىمىيلىك تەركىبى بولغان خۇش پۇراق ماددىلاردىن ياسىلىدۇ، شۇڭلاشقا كۇچلۇك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە داۋاملىق، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە داۋالاش قېيىن بولغان سەپكۇننى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن گىرىم بويۇملىرىنى مۇۋاپىق تاللاش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھەر كۇنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۇندۇزى ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنى پاكىز يۇيۇۋىتىپ كەچلىك ئېمولىسيىدىن ئازراق سۇركەپ قول بىلەن يېنىك ئۇۋىلاپ يۇز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ئاندىن ئۇخلاش كېرەك.

8)يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماسلىق لازىم. گۇزەللىك مۇتەخەسسىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ئەڭ ياخشىسى مۇنچىغا چۇشۇپ بولۇپ ،بىرەر سائەتتىن كېيىن گىرىم قىلىش كېرەك ئىكەن. چۇنكى ئادەم تېرىسىنىڭ سىرىتقى قىسمىنى بىر قەۋەت تەبىئى ماي سۇيۇقلۇقى ئوراپ تۇرىدىكەن، ئۇ سۇيۇقلۇق كىسلاتا خاراكتېرلىك بولۇپ ، باكتىرىيلەرنى تىزگىنلەپلا قالماستىن بەلكى ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ تېرىگە سېڭىپ كېرىپ تېىرىگە زىيان يەتكۇزۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تېرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدىكەن. مۇنچىغا چۇشكەندە سوپۇن بىلەن يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى تېرىنىڭ سىرىتقى يۇزىدىكى ماي قاتلىمىنى چىقىۋىتىدىكەن بۇ ماي قاتلىمى مۇنچىدىن چىقىپ 30مىنوتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدىكەن. ئەگەر يۇيۇنۇپ بولۇپلا مايلىق ئىشقارلىق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە تېرىنىڭ سىرىتقى يۇزىدە ئاسانلا ئىشقار ھاسىل بولۇپ باكتېرىيلەرنىڭ كۆپىيشى ئۇچۇن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن بۇنىڭ بىلەن دانىخورەك، تەمرەتكە قىچىشقاق قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدىكەن.

مۇنچىغا چۇشكەندىن كېيىن ماي ھەم تەر بەزلىرىنڭ ئېغىزى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، تېرە كېرەكسىز ماددىلارنى ئاسانلا قوبۇل قىلىۋالىدىكەن بۇنداق چاغدا گېرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن تېرە قوبۇل قىلىۋالغان ماددىلار بىرلىشىپ تېرە ئاسانلا ياللۇغلىنىپ تېرىگە داغ چۇشۇش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.

دېمەك قىزلار گىرىمنى ئۆز لايىقىدا مۇھىم نوقتىلارغا دىققەت قىلىپ قىلسا، تېخىمۇ گۇزەل، تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرىنىدۇ.شۇڭا گىرىمنى ۋاقىت بىلەن ئورۇنغا قاراپ مۇۋاپىق قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.بەزىلەر بۇنىڭغا تولىمۇ سەل قارايدۇ تۆۋەندە بىز يەنە قىزلار گىرىم قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تۆت تۇرلۇك مەخپىيەتلىك ئۇستىدە ئايرىم توختىلىمىز.

1. كۇندۇزى قېنىق گىرىم قىلماسلىق كېرەك، كۇندۇزى ئاساسەن خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت بولغاچقا شارائىت يار بەرگەن تەقدىردىمۇ بەك قېنىق گىرىم قىلماسلىق كېرەك.چۇنكى كۇندۇزى يۇزىڭىزدىكى ئاپئاق ئۇپا تۆكۇلۇپ تۇرسا، قىزىل-يېشىل بۇيۇۋالسىڭىز، ئۆتكۇر ئەتىر پۇرىقى دىماققا گۇپۇلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرسا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىسىز. كەچكى كۆڭۇل ئېچىش پائالىيتىگە بارغاندا قېنىق ياكى سۇسراق قىلىڭ ئوخشاشلا بولىۋىرىدۇ.

2.ئاممىۋى سورۇنلار كەلسە-كەلمەس گىرىم قىلىپ يۇرمەسلىك لازىم……..

3.ئەرلەر ئالدىدا گىرىم قىلماسلىق …………………..

4.باشقىلارنىڭ گىرىم بويۇملىرىنى ئاريەت ئېلىپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك…………..

تۆۋەندىكى ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى لازىم

1.ھامىلدار ئاياللار، ھەيىز قالايمىقان كېلىدىغانلار…………

2.تېرىسى زىيادە سەزگۇر ياكى بۇرۇن زىيادە سەزگۇرلۇك رىئاكسىيسى كۆرۇلگەن يۇزەكى تېرىسى سۇزۇك بىلەك تۇمۇرلىرى كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى لازىم.

3.ئۇزاق مۇددەت كۇن نۇرى ياكى چىراغ ئاستىدا ئىشلەيدىغانلار………..

4.تېرىسىدە قاپارتما كېسەللىكى بار تېرىسى يارىلىنىپ ساقايمىغان ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:42:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ