ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھامىلىدارلىقتا قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى تۆرەلمە بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە، قاندىكى بۇ قىممەتنى نورمال بىر ئارىلىقتا تۇتۇشقا تىرىشىمىز.  نورمال ھاياتتا، ئاچ قورساق ۋە توق قورساق ۋاقىتتا قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارىمىز.

ھامىلدار ئايالنىڭ ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلىدار ۋاقىتتىكى ئاچ قورساق قاندىكى شىكەر قىممىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئامال بار كېچە ئۇخلاپ ئەتتىگەن قوپقاندا قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆلچسە ئەڭ توغرا نەتىجە چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يېرىم كېچىدە قوپۇپ بىرەر نەرسە يىمىگەن بولۇشى كېرەك.

ئەتتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ھامىلە ئاچ قورساق قاندىكى قەنت  (شىكەر) نىڭ نورمال قىممىتى :

60-90 mg/dl
( 3.3 – 5.0 mmol/L )

 

چۈشلۈك ۋە ئاخشام تاماقلىرى ئالدىدىكى ھامىلە ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) نىڭ نورمال قىممىتى :

60-105 mg/dl
( 3.3 – 5.8 mmol/L )

 

ھامىلىدار توق قورساق قاندىكى قەنت  (شىكەر)  قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

ھامىلدار ئايالنىڭ توق قورساق ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر)  قىممىتىنى تاماق تۇنجى ئېغىز يىيىشتىن  كېيىن 2. سائىتىدە ئۆلچەش كېرەك.

ھامىلىدار توق قورساق ۋاقىتتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر)  قىممىتى :

120-130 mg/dl
( 6.7-7.2  mmol/L )

 

ئوخشىمىغان بىرلىكتىكى قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممەتلىرىنى يېزىپ قويدۇق. ئەگەر بۇ جەھەتتە قايمۇقۇپ قالسىڭىز، تۆۋەندىكى ھىساپلىغۇچتا قان قەنت (شىكەر) ئۆلچىگۈچ ئەسۋابىڭىزدىكى چىققان نەتىجىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بىز تەييارلىغان قىممەت ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

دوختۇرلار قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى

https://dohturlar.com/sinaq/qan-shiker-qimmiti-birliki-almashturush-mashinisi.html

ئەگەر ھامىلىدار خانىملار،  قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى بىر قانچە قېتىم ئۆلچەش نەتىجىسىدە، يۇقارىدا بېرىلگەن ئارىلىقلاردىن ئېشىپ كېتىش ياكى تۆۋەن بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى بولسا، كېچىكتۈرمەي مۇنتىزىم ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

ھامىلىدار ئاياللارغا قارىداندا، ساغلام كىشىلەرنىڭ قان قەنت شىكەر قىممىتى سەل ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بولىدۇ. قىززىقسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-29 / 09:39:13

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

2 باھالار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۇچىنچى بالامغا ھامىلدار بولغاندا ھامىدارلىقتىكى قەنىت كىسلى بوپ قالدىم.ھازىر توققۇزىنچى ئىيى.ھەركۇنى قەنىت تەكشۇرەۋاتمەن.ھەم تاماققىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ تۇرۋاتمەن.لىكىن يىرىم كىچدە قۇسقۇم ئىچىپ كىتىپ بىر نەرسە يەپ سالمەن.بۇنىڭ بالغا تەسىر بۇلامدۇ؟ياكى بەزىر ۋاقتىلاردا قەنىت شىكرى بەلگىلگەن ئۆلچەمدىن يۇقرى چىقتىدۇ. قانداق قىلشىم كىرەك؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياخشىمۇسىز.

      ھازىر 9.ئايغا كىرىپ بولۇپسىز، بەزى خانىملار تۇغۇت مەزگىلىدە ۋاقىتلىق قەنت يۇقىرىلاش، قالقانسىمان بەز رولى بىنورماللىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇلار كۆپىنچە كىشىلەردە تۇغۇتتىن كېيىن ئاستا ئاستا يوقاپ كېتىدۇ.

      تۇغۇت مەزگىلىدە قەنت كېسىلى (دىئابېت، شىكەر كېسىلى) كۆرۈلسە، قورساق ئىچىدىك تۆرەلمە بوۋاق بەدىنى يوغان بولۇپ قېلىپ، تۇغۇتتا قىيلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بوۋاق بەدىنى يوغىناپ قالغان قالمىغانلىقىنى ئاياللار دوختۇرى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق سىزگە دەپ بېرەلەيدۇ.

      سىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىڭىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇپ، غىزالىنىشىڭىزغا چوڭ ئۆزگىرىش كىرگۈزمەي تۇرۇپ، ھامىلىدار تۆرەلمىنى ئاخىرقى تەكشۈرۈشلىرىنى قىلىپ، تۇغۇت دوختۇرخانىسىنى بېكىتىش، ۋە تۇغۇت دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بوۋاقنىڭ ھازىرقى يېتىش ھالىتى ۋە تۇغۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇلارنى تولۇق ئىگەللەپ مەسلىھەت ئېلىش.

      سىزنىڭ ساق سالامەت، ساغلام، ئۇماق بىر بوۋاق تۇغۇشىڭىزغا تېلەكداشمىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ