ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلە ئۆلۈپ قېلىش قانداق ئەھۋال؟

ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:  قورساقتىكى بالىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

1. تاشقى سەۋەبلەر: ئاسان ھامىلىدار بولۇپ دەسلەپكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئايلىرىدا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ تەدرىجىي ھامىلىدارلىقتا جىقراق يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: تۇنجى ھامىلىدارلىقتا دىققەتسىزلىكتىن ئېغىر نەرسىلەرنى قۇرساققا تىرەپ كۆتۈرۈش، يېقىلىش، قاتتىق تاياق تىگىش قاتارلىقلار.

2. ئىچكى سەۋەبلەر: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ھامىلە بالىياتقۇ تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشىنى پەيدا قىلىغاندىن تاشقىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىكى يۇقىرى قىزىتمىنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن بالا ھەمرىيىدىن ھامىلىگە يەتكۈزىدىغان ئوكسىگېن ئوزۇقلۇقلارنىڭ توسۇلۇشى نەتىجىسىدە ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلىگە بولغان يامان تەسىرىدىن ھامىلە ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى، سىفلىس كېسىلى، ئۆتكۈر قىزىتمىلىق ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا بىر قاتار شىددەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ.

ئالامىتى:  ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەنلىرى بوشۇشۇپ پۇت-قوللىرى سوۋۇيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، قۇرۇق ھۆ تۇتىدۇ. جىنسىي يولدىن ئاز-ئازدىن قان كېلىشكە باشلايدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:  سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئەگەر سىفلىس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بارلىقى ھامىلىدارلىقتىكى تەكشۈرۈشلەردە ئېنىقلانغان بولسا ئۇنداق كېسەللىكلەرنى قائىدە بويىچە ئىزچىل داۋالىتىش كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر خۇسۇسەن يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغاندا جىددىي داۋالاپ، ئانا ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىش ھامىلە ئۈچۈن ۋە ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئالاھىدە خەتەرلىك بولغاچقا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن زۆرەر، شۇڭا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-15 / 05:14:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ