ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم

1. ھامىلىدار ئاياللار سەيلە قىلىپ بەرسە پايدىلىق. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولغاچقا، كۈن بويى ئۆيدىن چىقمايدۇ، ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خاھىشى بار بەزى ئاياللاردىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەلۇم ۋاقىت سەيلە قىلىشنى تاكى بۇنى بالا تۇغۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تۇغۇتقا پايدىلىق.

2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر، سىنك تولۇقلاش زۆرۈر. تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى بىرىكتۈرۈشكە زۆرۈر ماددا. تۆمۈر يېتىشمىسە، ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ. سىنك ھامىلىنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي زۆرۈر ئېلېمېنت. ئادەتتە تۆمۈر بىلەن سىنكنى بىللە تولۇقلىغاندا، سىنكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا تۆمۈر تەركىبلىك يېمەكلىكلەر بىلەن سىنك تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ئىستېمال قىلىش لازىم.

3. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە زىيانلىق. ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئېغىزى قۇرۇغاندەك ھېس قىلىپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرى سوغۇق نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە، ئاشقازان – ئۈچەي قان تومۇرلىرى تۇيۇقسىز تارىيىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ھەتتا ئاشقازان تارىيىش، قورساق قاتتىق ئاغرىشقا سەۋەب بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ھامىلىگىمۇ پايدىسىز بولۇپ، ھامىلە تىنچسىزلىنىدۇ، بۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. ھامىلىدار ئاياللار يەلقازان تامىقى ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. يەلقازان تامىقى يېيىشتە كىشىلەر ھەمىشە گۆش پارچىلىرى، كۆكتاتلارنى قايناۋاتقان شورپىغا چىلاپ ئېلىپلا يەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا گۆش، كۆكتات تەركىبىدىكى پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بالا ھەمرىيىدىن ئۆتۈپ ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھامىلە ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەر خىل غەيرىيلىكلەر كۆرۈلىدۇ.

5. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى ئىچسە زىيانلىق. كولا ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن كۆپ بولۇپ، ھامىلىگە ناچار رېئاكسىيىلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھامىلە كوففېئىنغا سەزگۈر كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى كۆپ ئىچسە، كوففېئىن ھامىلە قېنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىپ غەيرىي يېتىلىشىنى، مەسىلەن: پۇت – قول بارماقلىرى ئاز بولۇشنى، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

6. ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. ئادەمگىياھ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئۇنى ئۇزاققىچە، كۆپ ئىستېمال قىلسا، سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىنسىي يول قاناپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلىنىڭ ئادەمگىياھقا چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:13:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ