ھامىلىدارلىقنىڭ 1-ھەپتىسى: ئادەت، ھەيز ھەپتىسى
ھامىلدارلىق بىرىنچى ھەپتىسىدە دەپ ھىساپلاندىڭىز، ئەمما سىز تېخى ھامىلدار بولمىدىڭىز! «ۋاي بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى:
نۇرغۇن تۇغۇت دوختۇرى ئاخىرقى ئادەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھامىلدارلىق دەپ ھېسابلاشقا باشلايدۇ. چۈنكى تۇخۇم چىقىرىش دەۋرى ۋە ھامىلىدار بولغان كۈن (ئۇرۇقلانغان كۈن) نى ئېنىق ھېساپلاپ چىقىرىش ئىنتايىن تەس. ئەمما بۇنىڭغا قارىغاندا، ئادەت (ھەيز) ۋاقتىڭىزدىكى ئالامەتلەر بىلەن ھامىلدارلىق ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. شۇڭا دوختۇر تىلغا ئالغان 1ھەپتىلىك ھامىلىدارلىق، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز مەزگىلىنى، تېخى ھامىلىدار بولمىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
1 ھەپتىلىك ھامىلىدار ئالامەتلەر
بۇ ھەپتىدە، سىز تېخى ھامىلدار بولمىغاچقا ، ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
جىنسىي يولدىن قان كېلىش: ئالدىنقى ئايدا، ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ۋە بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارى سويۇلۇپ قان شەكىلدە كېلىدۇ. بۇ ھەربىر ئادەت كۆرىدىغان ئاياللاردا بولىدىغان نورمال ھەيز قېنىدۇر.
بەل ئاغرىقى ۋە تارتىشىش: بالىياتقۇ بالىياتقۇ دىۋارىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن قىسقىرايدۇ ، بۇ ئەھۋال بەل ۋە قورساق قىسىمدا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.
قورساق كۆپۈش: ھورموننىڭ ئۆرلىشى ۋە تۆۋەنلىشى سەۋەپلىك ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ بىنورمال ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى: ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، سەۋر تاقەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
باش ئاغرىش: نۇرغۇن ئاياللاردا ھورمون تەڭپۇڭسىزلىق سەۋەبلىك مېڭە قان تومۇرلىرىدا بىنورمال قىسقىراش كېڭىيىش ۋە بۇ سەۋەپلىك باش ئاغرىقلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
1 ھەپتىلىك ھامىلىدارلىقتا ئۆزگىرىشلەر
بۇ ھەپتىدە دەسلەپتى 3-4 كۈنلەردە قان كېلىدۇ. بۇ قان بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبلىك قارامتۇل قىزىل كۆرۈنىدۇ. كېيىنكى كۈنلىرىدە ، قان توختىغان تەغدىردىمۇ، ئايالىق ھورمونى سەۋەبلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نازۇكلىشىدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ 1-ھەپتىسىدە (يەنى ئادەت ھەپتىسىدە)، ئۆتكەن ئايدا بالىياتقۇغا قويۇپ بېرىلگەن تۇخۇملار ئەگەر ئۇرۇق بىلەن بىرلەشمىگەن بولسا، بالىياتقۇ دىۋارى ئىچكى پەردىسى سويۇلۇپ قان شەكىلدە بۇ كونا تۇخۇملار بىلەن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ دىۋارى قايتىدىن يېڭىلىنىپ، 1-ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنجى ھەپتىدە تۇخۇمداندىن قويۇپ بېرىلىدىغان تۇخۇملارغا ۋە ئۇرۇقنىڭ ساغلام بىرلىشىشى ئۈچۈن مۇھىت ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.
بۇ 7 كۈندە، تۇخۇمداندا زاپاس بولۇپ ساقلىنىۋاتقان تۇخۇملار، 3-5 تال ئىپتىدائىي تۇخۇم پۈۋىكى ۋە ئىچىدىكى تۇخۇم ئاستا پىشىپ يىتىلىپ، پىشقان شەكىلىگىچە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمما پۈۋەكچە پارتلىمايدۇ. بەلكى ئارقىدىكى 2 ۋە 3 ھەپتىسىنى ساقلايدۇ. بۇ جەرياندا ئاياللىق ھورموننىڭ تەسىرى بەكرەك ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
بۇ ھەپتىدە تېخى ئۇرۇقلىنىش بولمىغاچقا، قورساق يوغىناشتىن سۆز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ. پەقەت قوساق ئۈچەي ھەرىكەتلىرى بىنورماللىشىش سەۋەبلىك قوساق كۆپۈشىنى قوساق يوغىناش دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
سىز بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە پاكىت:
ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپ چىقارغان تۇخۇم، ئادەم بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھۈجەيرە ھېساپلىنىدۇ. تۇخۇمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى شاپتۇل تۈكى چوڭلۇقىدا دىسەك بولىدۇ، يەنى سىنچىلاپ قارىسا كۆرگىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ 1،2،3 ھەپتىلىرىدە بەدەندە بەك چوڭ ئۆزگىرىش ھېس قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللار، ئادەت قېنى كەلمىگەندە، يەنى ھامىلدار قېلىپ 4،5-ھەپتىلىرىدە ئاندىن ئۆزىنىڭ ھامىلدار قالغانلىقىنى ۋە بەزى ئالامەتلەرنى ھىس قىلىدۇ.
بۇ ھەپتىدە ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە تۆرەلمە، ياكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
بىر ھەپتىلىك ھامىلدار خانىملارغا تەۋسىيىمىز:
1. ھاراق ۋەيا گازلىق ۋەيا سوغۇق ئىچىملىكلەردىن ئاستا ئاستا قول ئۈزۈڭ. ئىلمان سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىڭ.
2. تاماكا ياكى باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن يىراقلىشىڭ.
3. يوپۇرماق كىسلاتاسى تېخى باشلىمىغان بولسىڭىز، ئەمما ھامىلدار قېلىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، كۈندە 400 مىكروگرامدىن ھازىردىن باشلاڭ. ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، يوپۇرماق كىسلاتاسى توغرىلىق يۈز-تۇرانە مەسلىھەت ئالسىڭىز تېخى ياخشى. نورمالدا يوپۇرماق كىسلاتاسى (فولىك ئاسىت Folic acid) ھامىلدار قېلىشتىن 2 ئاي بۇرۇن باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يوپۇرماق كىسلاتاسى تۆرەلمىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلام شەكىللىنىشىگە ياردەمدە بولىدىكەن.
4. ھامىلدار قېلىش پىلانى بولسا، ئائىلە دوختۇرىڭىز ياكى ئاياللار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بەدەن ئەھۋالىڭىزنى خەۋەردار قىلىڭ. دوختۇرىڭىز بەلكىم سىزگە قان تەكشۈرۈش قىلىپ بەدىنىڭىزدە بىنورمال ئەھۋاللار بار يوقلۇقىنى كۆرۈپ بېقىشى مۇمكىن. مەسىلەن قانسىزلىق بارمۇ، قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى سەۋىيىسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بارمۇ… قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ سىزگە مەسلىھەتلەر بېرىشى مۇمكىن.
5. ئادەت مەزگىلىدىكى بۇ بىر ھەپتىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭ. بىرىنجىدىن قىلسىمۇ ھامىلدار قالمايدۇ. ئىككىنجىدىن بالىياتقۇ ۋە جىنسىي يوللار ناھايىتى نازۇك بىر دەۋردە بولغاچقا، كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى بۇ ئورگانلارغا زەخم يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.
6. ھامىلدار قېلىش پىلانى بولسا، كۈندىلىك ئىچىۋاتقان دورىلىرىڭىز بولسا، ئاياللار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ دورىلارنىڭ ھامىلدار قېلىشقا توسقۇنلۇق بولۇش بولماسلىقىنى، ئەگەر توسقۇنلۇق قىلسا بۇنىڭ يېرىگە باشقا دورا ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىڭ.
تەييارلىغۇچى: مەرھابا دوختۇر
مەنبە: دوختۇرلار تورى