Html code here! Replace this with any non empty raw html code and that's it.

ھامىلىلىكنىڭ 10-ھەپتىسى – 10 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 8-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 10-ھەپتىسى – 10 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 8-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 10-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 8 -ھەپتىسى

تۆرەلمە بوۋاقنىڭ بويى ھازىر 14-16 مىللىمىتىر دىسەك بولىدۇ. كۆزلىرى، ئاغزى، بۇرنى خېلى روشەنلىشىدۇ. كۆز قاپىقى شەكىللىنىشى مۇمكىن، ئەمما ھېلىھەم يېپىشىپ تۇرىدۇ. تۆرەلمىنىڭ سۈت چىشلىرىنىڭ بىخلىرى يەنى سۆڭەك بىخلىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. قول پۇت بارماقلىرى ئارىسىدىكى پەردىلەر نېپىزلىشىشقا باشلايدۇ. پات ئارىدا بارماقلىرى روشەن ئايرىلىدۇ.

بەدەندىكى ئاساسلىق ئورگانلىرىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى ئۆز ئورۇنلىرىغا يەرلىشىپ بولغان بولىدۇ. پۇت قوللىرىنى ناھايىتى كىچىك كىچىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. تۆرەلمىنىڭ مىنوتىغا يۈرەك سوقۇشى 150-170 ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئانىلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئالدىنقى ئىككى ئاينى غەلىبىلىك تاماملىغان بولىدۇ. قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ئەھۋاللىرى ئازلاشقا باشلايدۇ، ئەمما بەزىلەردە ھېلىھەم بولۇشى مۇمكىن. قورساق ئانچە يوغىنىمايدۇ. بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بوۋاقنى ئېنىق كۆرۈش ھېلىھەم تەس توختايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 10-12 ھەپتىلەرنى ساقلاش لازىم. كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ ۋە ئۇيقۇ تەڭپۇڭسىزلىقى داۋام بولىدۇ.

بۇ ھەپتىدىكى كىچىك تەۋسىيەلەر:
1. تاماقلارنى ئالدىنقى ھەپتىلەردە تەۋسىيە قىلغاندەك ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلىڭ.
2. كەيپىياتنى تەڭشەڭ. چۈنكى كەيپىيات = ھورمون = بوۋاقنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يىتىلىشى دىمەكتۇر.
3. مۇنتىزىم تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ تەۋسىيە قىلغان ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنى داۋام قىلىڭ.
4. ئېلىكتىر سايمانلىرى، تاماكا بۇسلىرى بولغان مۇھىتتىن ئۇزاق تۇرۇڭ. تېلىفونلار، كومپىيوتېرلار سىزدىن ئۇزاقراق تۇرسۇن.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ماقالىلەر دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
  3. باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمونلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمونلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسلى ئاپتور ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
680FollowersFollow
1,630SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img