ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

ھامىلىلىكنىڭ 11-ھەپتىسى – 11 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 9-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 11-ھەپتىسى – 11 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 9-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 11-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 9 -ھەپتىسى

تۆرەلمە بوۋاق ھازىر 2 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. كۆز قاپاقلىرى، قۇلاقلىرى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدىكى چىش چىقىدىغان ئورۇنلار شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. سىز ھىس قىلالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما بوۋىقىڭىز ئاستا ئاستا پۇت قوللىرىنى مىدىرلىتىشقا باشلىدى دىسەك بولىدۇ.

تۆرەلمە بوۋاقنىڭ يۈرەك، بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئاساسلىق ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشى داۋاملىشىدۇ. مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ۋىتامىن د گە ئىھتىياجى سەل ئاشىدۇ. بېلىق، سۈت، تۇخۇملار ۋىتامىن د نى تولۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ.

ئانىلارنىڭ قوساق قىسمى سەل كۆپىدۇ، ئەمما ھامىلىدەك كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما ھامىلە بولغانلىقىڭىزنى خېلى ئوبدان ھىس قىلالايسىز. ئالدىنقى 12 ھەپتە، ھامىلىلىكنىڭ بىرىنجى دەۋرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ دەۋىردە ھامىلە رولىغا تولۇق كىرىپ بولغۇچە، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ئاساسلىق بىر ئالامەت ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھورموننىڭ تەڭپۇڭسىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقى ھارغىنلىق، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ھەپتىلەردە كۆپرەك ئارام ئېلىش، كۆپرەك ئۇخلىسىڭىز، سىز ھەم بوۋىقىڭىز بىللە پايدا كۆرىسىز. بۇ ھەپتىلەردە قوسىقىڭىزدىكى تۆرەلمە سىز يىگەن بارلىق يىمەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى ھىس قىلالايدۇ. شۇڭا زىيادە سوغۇق، ئاچچىق، چۈچۈك، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلانسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img