ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەپتىسى ئادەت كېلىپ ئاندىن تۇخۇم چىقىرىشقىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ئۇرۇقلىنىش يۈز بېرىدۇ ، يەنى ئۈچىنچى ھەپتە ئۇرۇقلىنىشتىن تارتىپ زىگوت ھۈجەيرىسى (ئۇرۇقلانغان ھۈجەيرە)گە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۈچىنچى ھەپتىنى، ھەقىقىي ھامىلىدار بولۇش جەريانى باشلانغان ھەپتە دەپمۇ چۈشەنسەك بولىدۇ.
سىز ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيىدا تۇرۇۋاتقاچقا، ئادىتىڭىزنىڭ تېخى كېچىكىپ ياكى كېچىكمىگەنلىكىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بەلكىم سىز بىلمەي دوستىڭىز بىلەن بازار چۆگىلەۋاتقاندا، يولدىشىڭىز بىلەن كۆڭۈللۈك ئاخشام تاماقلىرىنى يەۋاتقاندا، سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزدا بولسا ئوماق تۆرەلمە ھۈجەيرىسى ھاسىل بولۇش سەپىرىنى قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

3 ھەپتىلىك تۆرەلمە بوۋاقتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

قورسىقىڭىزدىكى تۆرەلمە بوۋاق ھازىرچە يۇمىلاق شەكىلدىكى ھۈجەيرە توپى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. قول پۇت تۈگۈل بەدىنىمۇ تېخى ھاسىل بولمىدى. بۇ ھۈجەيرىلەر توپى خالتىلىق تۆرەلمە Blastocyst دەپ ئاتىلىدۇ.

خالتىلىق تۆرەلمە بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسىگە قونغاندىن كېيىن ، بالا ھەمرىيىنى شەكىللەندۈرىدىغان قىسمى HCG دەپ ئاتىلىدىغان ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ھورمون تۇخۇمدانغا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇ يەنە كۈچلۈك ئېستروگېن (ئانىلىق ھورمونى) ۋە پروگېستېرون (سېرىق تەن ھورمونى , progesterone) ئىشلەپچىقىرىشنى قوزغىتىدۇ.

HCG ھورمونى قاندا ۋە كىچىك تەرەتتە تەكشۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزىڭىز ئۆيدە كىچىك تەرەت ئارقىلىق ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى قىلىش، يۇقىرى ئېھتىماللىققا نەتىجىسىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر كىچىك تەرەت تەكشۈرۈشدە چىقمىسا، 2-3 كۈندىن كېيىن قايتا كىچىك تەرەت تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ۋەيا ئائىلە دوختۇرىڭىزنىڭ يېنىدا قان تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە ، باش سۈيى خالتىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان قىسىمدا، باش سۈيى يىغىلىشقا باشلايدۇ. باش سۈيى تۆرەلمىنى قوغدايدىغان، ئوزۇقلۇق ئېلىم بېرىم قىلىدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇق ھېساپلىنىدۇ.

شۇ ئاندا شەكىللەنگەن خالتىلىق تۆرەلمە سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزغا جايلاشقان يەردە مىكرو قان تومۇرلار شەكىللىنىپ، ئەڭ دەسلەپكى ئوكسىگېن، ئوزۇقلۇق ئېلىم بېرىم ئىشلىرىنى باشلىدى دىسەكمۇ بولىدۇ. ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە بالا ھەمرىيى بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى توغرىلىق مەزمونلارنى بىلگىڭىز كەلسە، بۇ ئادرىستىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

« ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى: تۇخۇم چىقىرىش ھەپتىسى »

 

ھامىلدار خانىمنىڭ بەدىنىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

بەدىنىڭىزدە ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى. يەنى سىزنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىڭىزگە 250مىليون دانە ئىسپېرما ئىچىدىن پەقەت بىر تال ئىسپېرما مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىرىپ ئۇرۇقلىنىش يۈز بەردى.

پىشقان تۇخۇم بىلەن ئىسپېرما كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تۇخۇم نەيچىسىدە بىرلىشىدۇ يەنى ئۇرۇقلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن خالتىلىق تۆرەلمە شەكىللىنىدۇ. ئىچىدىكى تۆرەلمە ھۈجەيرىسى، ھەر كۈنى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە خالتىلىق تۆرەلمە تۇخۇم نەيچىسىنى بويلاپ، بالىياتقۇغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

بىر نەچچە كۈن جەريانىدا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۇخۇم نەيچىسىنى بويلاپ بېرىپ بالىياتقۇغا يەرلىشىدۇ، شۇ يەردە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. كەلگۈسىدىكى 9 ئاي 9 كۈندە مۇشۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ بوۋاققا ئايلىنىدۇ.

بۇ جەرياندا ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بىر يەرلىرىگە قونۇپ قالسا، ياكى تۇخۇمدانغا بېرىپ قېلىپ قونسا، بۇنى بالىياتقۇ سىرتى ھامىلە قېلىش دەپ ئاتايمىز. بۇلار كۆپىنچە بالا ئەي بولماي قالىدۇ.

ھامىلدار ئىكەنلىكىڭىزنى تېخى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمما بەلكىم بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا بەلكىم ئازراق قاناشنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇ «جايلىشىش قانىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە جايلىشىش جەريانىدا يۈز بېرىدۇ. بۇنى بەزى خانىملار ئادىتىم ئوخشايدۇ، ھامىلدار بولمىغان ئوخشايمەن دەپ خاتا ئويلاپمۇ قېلىشى مۇمكىن.

ئەگەر خالتىلىق تۆرەلمە بالىياتقۇغا كىرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇنىڭ ئىچىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىشالمىسىا، خالتىلىق تۆرەلمە كېلەركى ئادەت بىلەن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ.

تۇخۇمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇقلىنىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بالىياتقۇغا كىرىشى، ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارىغا ئورۇنلىشىشى ئاسان ئەمەس، مۈجىزىۋى، ئۇلۇغ بىر جەريان دىسەك بولىدۇ.

 

3 ھەپتىلىك ھامىلدار خانىملاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن؟

كۆپىنچە ئۈچ ھەپتىلىك ھامىلدار بولغان خانىملارنىڭ بەدىنىدە ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. پەقەت ئاز بىر قىسىم ھامىلدارلاردا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:

  1. كۆكسى چىڭقىلىش: ئادەت ھەيزنىڭ ئالدى كەينىدىكى كۆكسى چىڭقىلىشقا ئوخشاپراق قالىدىغان بىر خىل ئالامەت. بەزى ئاياللار بۇ خىل تۇيغۇ بولغانلىق سەۋەپلىك، مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ئادەت بولىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
  2. ھارغىنلىق ۋە ھارغىنلىق: بەدىنىڭىزدە پروگېستېرون (سېرىق تەن ھورمونى , progesterone) دەپ ئاتىلىدىغان ھورموننىڭ كۆپىيىشى ۋە بالىڭىزنىڭ شەكىللىنىش جەريانى سىزنى مارافونچە يۈگۈرگەندەك ھېس قىلدۇرىشى مۇمكىن.
  3. كىچىك تەرەت كۆپ قىستاش: ھامىلدار بولغاندىن كېيىن كىچىك تەرەت تولا كېلىش، قىستاپ كېلىش ئەھۋاللىرى ئاستا ئاستا كۆپىيىدۇ.
  4. پۇراق سېزىمى كۈچىيىش: پۇراق سېزىمىنىڭ كۈچىيىشى ئاياللىق ھورمونى سەۋىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىققان.
  5. بەزى يېمەكلىكلەرگە يىرگىنىچلىك تۇيغۇسى: بەزى ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ھەتتا بەزى يېمەكلىكلەرنى كۆرگەندە قۇسقۇسى كېلىدىغان دەرىجىگە كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
  6. كۆڭلى ئاينىش ، سەھەر قۇسۇش: ئادەتتە بۇ كۆڭلى ئاينىش، سەھەر قۇسۇش ئەھۋاللىرى بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئەمما بەزى ئاياللاردا بالدۇر باشلىنىشى مۇمكىن.
  7.  بەدەننىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى: ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىڭىز بۇ پۈتۈن بىر ھەپتە سەل يۇقىرى بىر سەۋىيىدە(36.9-37.5 ئەتراپىدا) بولسا ئەمما بەدەندە باشقا ياللۇغ بولۇش ئېھتىماللىقى يوق بولسا، بەلكىم ھامىلدار بولدىڭىز.
  8. يېنىك قاناش: ئەگەر ھامىلىدار بولسىڭىز بۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرىدا، قەھۋەرەڭ، ھالرەڭ ياكى قىزىل رەڭلىك جىنسىي يول قاناش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

3 ھەپتىلىك ھامىلىدارلىقنى قانداق بىلىش كېرەك؟

3 ھەپتىلىق ھامىلىدارلىق قالغانلىقنى بىلىش سەل تەس. كۆپىنچە ھامىلىدار قالغان خانىملار بۇ ھەپتىدە بەدىنىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغاچقا ھامىلدار قالغانلىقىنى بايقىيالمايدۇ.

ئەگەر 3.ھەپتىنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرىدا كىچىك تەرەت تەكشۈرۈشى، ۋەيا قان تەكشۈرۈشى قىلغاندا بېتا خ ج گ (Beta-HCG) تەكشۈرۈشىنى قىلسا ھامىلدار قالغان قالمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە ئۈچ ھەپتىلىك تۆرەلمە كۆرۈنەمدۇ؟

ھامىلىدار بولۇپ 3 ھەپتە بولغاندا ، تۆرەلمە ئاران بىر ھەپتىلىك بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تۆرەلمە چوڭ كىچىكلىكى بىر كىچىك مىخنىڭ بېشىچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ، 3 ھەپتىلىك تۆرەلمە بوۋاق ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە كۆرۈش ئۈچۈن يەنە بىرقانچە ھەپتە ساقلاش كېرەك.

 

ھامىلىدار بولۇپ 3 ھەپتە بولغاندا تۆرەلمىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىغىلى بولامدۇ؟

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى ، تۆرەلمە بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېخى ئاڭلانمايدۇ. بالىياتقۇدىكى بوۋاقنىڭ يېتىلىشى 6-ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تېزلىشىدۇ، يۈرەك سوقۇشىمۇ 9-11ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تىببىي ئۈسكۈنە ئارقىلىق كۆرگىلى ۋەيا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

 

3 ھەپتىلىق ھامىلدارلىقتا ئانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  1. يوپۇرماق كىسلاتاسى، تۆمۈر، د ۋىتامىنى ۋە باشقا مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار: ئەگەر ھامىلدار بولۇشنى پىلانلىغان بولسىڭىز، بىر ئاي بۇرۇن يوپۇرماق كىسلاتاسىنى باشلىشىڭىز كېرەك ۋە دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، بەدەن تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، دوختۇر تەۋسىيىسى ئاستىدا تۆمۈر، ۋىتامىن د ۋە باشقا ۋىتامىنلەرنى تولۇقلاشنى باشلىشىڭىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى يوپۇرماق كىسلاتاسىنى چوقۇم تولۇقلاۋاتقان بولۇشىڭىز كېرەك.
    يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلدارلىق توغرىسىدا تەپسىلىي بىر مەزمون تەييارلىدۇق. بۇ تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. «يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلدارلىق»
  2. ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭ بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: ساغلام ۋە تەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەك پروگراممىسى تۈزۈپ ۋە رىئايە قىلىش، سىز ۋە تۆرەلمە بوۋىقىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئوينايدۇ. يېڭى كۆكتات ، مېۋە ، دانلىق زىرائەتلەر ، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاقسىل مەنبەسى مول يېمەكلىكلەرنى تاللاڭ.
  3. سۇ سەرپىياتىغا دىققەت قىلىڭ: سۇنى كۆپ ئىچىش بەدىنىڭىز ۋە تۆرەلمە بوۋاقنىڭ كېرەك بولغان سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شۇڭا كۈنىگە ئاز دېگەندە 8-10 ئىستاكان سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىڭ.
  4. ھاراق، تاماكا ۋە باشقا ئىچىملىك-چېكىملىكلەر: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىڭ. بۇلار بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، ھاياتىي خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت گازلىق سوغۇق ئىچىملىكلەر، ئىشەنچسىز مەنبەلىك «ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىچىملىكلەر»، زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭ.
  5. بەدەن چېنىقتۇرۇش: دوختۇرنىڭ تەستىقى بىلەن مۇۋاپىق دەرىجىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى سىناپ بېقىڭ. سەيلە قىلىش، مېڭىپ بېرىش، قاتارلىق يېنىك چېنىقىش تۈرلىرى ھامىلىدارلىقنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ماس كېلىدۇ.
  6. روھىي بېسىمدىن ساقلىنىڭ: بېسىم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سىز ۋە بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ. ھازىر سىزگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، قوسقىڭىزدىكى ئوماق جانلىق!
  7. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دوختۇر تەۋسىيە قىلغان قەرەللىك تەكشۈرتۈشنى قىلىپ تۇرۇڭ. بولۇپمۇ ئائىلە دوختۇرىڭىزغا ھەر ئايدا كۆرۈنۈپ تۇرۇڭ، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى سېسترالارغا ھامىلدار بولغانلىقىڭىزنى خەۋەردار قىلىپ قويۇڭ. ئۇلار سىزنى قەرەللىك چاقىرىپ تۇرىدۇ. ئاياللار دوختۇرىغىمۇ قەرەللىك كۆرۈنۈپ تۇرۇش كېرەك.
  8. دورا ئىشلىتىش: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرقانداق دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئائىلە دوختۇرىڭىز، ئاياللار دوختۇرى ياكى شۇ دورىنى بۇرۇن يېزىپ بەرگەن بۆلۈمنىڭ دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق سورىۋېتىڭ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ئىشلەتسە بولمايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ دورىلىرىدىن سىرتقى دورىلارنى خالىغانچە ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
  9. يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقى: يېمەكلىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ تاماق قىلىڭ ياكى ئىستىمال قىلىڭ. خام گۆشنى بەك تۇتۇپ كەتمەڭ. دائىم قولىڭىزنى يۇيۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.
  10. ھايۋاناتلار بېقىش توغرىسىدا: ھامىلدارلىق قېلىشتىن بۇرۇن ئۆيدە بېقىلىۋاتقان مۈشۈك ياكى ئىتلار بولسا، ۋاكسىنىلىرىنى تولۇق ئەملىتىڭ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يېڭى ھايۋانات باقماڭ.

 

تەييارلىغۇچى:
مەرھابا دوختۇر، نۇرمەمەت دوختۇر
مەنبە: دوختۇرلار تورى

بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش
宫外孕
ectopic pregnancy
ektopik gebelik

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-27 / 03:52:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ