ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

ھامىلىلىكنىڭ 5-ھەپتىسى – 5 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 3-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 5-ھەپتىسى – 5 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 3-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 5-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 3 -ھەپتىسى

 
بۇ ھەپتىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تۆرەلمە گەۋدىسى ۋە تۇخۇم سېرىق خالتىسى شەكىللىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھەپتىدىن كېيىن تۆرەلمە گەۋدىسىدىن بەدەننىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى چىقىشقا باشلايدۇ.بۇ مۇشۇ دەسلەپكى ھەپتىلەردە تۆرەلمە بوۋاقنىڭ ھايات قېلىش قالماسلىقى، بەدەن غەيرىلىك بولۇش بولماسلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاقىتلىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھەپتىلەردە ھامىلدار ئانا دورا ئىچىش، زىيادە سوغۇق كېلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىش، زىيادە روھىي بېسىم تالاش تارتىشلاردىن … قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

بۇ ھەپتىدىمۇ ئانا بەدەندىكى ھورمونلار ھېلىھەم تۇراقسىز بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتىدە پەيدا بولغان ئالامەتلەر داۋام قىلىدۇ. يەنى قۇرۇق ھۆ تۇتۇش، بەدەن تېمپىراتۇراسى تۇراقسىزلىنىش، ئاسان ماغدۇرسىزلىنىش، كەيپىيات داۋالغۇش.. قاتارلىق ئالامەتلەر داۋام قىلىدۇ.

بۇ ھەپتىدە ھامىلدارلىق سىناق تاياقچىسى، قان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق دەسلەپكى مەزگىلدە ھامىلە بولغانلىقنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. تۆرەلمە ھېلىھەم ناھايىتى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، ئۇلترائاۋازلىق تەشكۈرۈشتە كۆرگىلى بولمايدۇ. دوختۇرلار يەنە بىرقانچە ھەپتە ساقلىشىنى، ئاندىن ئۇلترائاۋازلىق تەشكۈرۈش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا ئانا ۋە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆپرەك سەۋىرچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img