ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى

ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەربىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىنى ئويلايدۇ. ھەرگىزمۇ ساغلام لىمفىغا تەسىر يېتىدىغان يوشۇرۇن ئاپەت بولۇشنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە ئەرلەرنىڭ يېنىدىكى يۇشۇرۇن قاتىلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەربىر ئەرلەرنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمز.

ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى

تۈرلۈك كەسىپتىكى 4000 كىشىنى بىر تۈرلۈك 10 يىل تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە: يۈرەك كېسىلى ئاساسلىقى كەيپىيات جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارىغان: بىر كىشى ئەتىگەندىن كەچكىچە جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ياشىسا ناھايىتى ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. كىشىلەر ئاساسلىقى مۇھىت ۋە روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىشقا ئۇچرايدۇ. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرسا، زۆرۈر بولمىغان ئەندىشىلەردىن خالىي بولىدۇ. جىددى روھىي كەيپىياتقا تاقابىل تۇرۇش دانالىق بىلەن تەپەككۇر قىلىش بىلەن جانلىقلارنىڭ ئىنكاسىدۇر.

ئۇزاق مۇددەتلىك تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10-20 ھەسسە، كېكىرتەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 6-10 ھەسسە، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 2-3 ھەسسە، ئايلىنىش سېستىمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 3 ھەسسە، كارناي شاخچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 2-8 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە ئۇرۇقنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭ DNA غا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ بالدۇر تۇغۇش ۋە كەمتۈك بالا تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەلۇم تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا چەككەن ئەرلەردىن تۆرەلگەن بالىنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن. تاماكا چەككەندىن ئۇرۇقنىڭ سانى ئازىيىپ، ئەرلىك ئەزاغا ئېقىپ كىرىدىغان قانمۇ ئازىيىپ ئەرلىك ئەزا سولىشىش كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش مەسىلىسى تاماكا چەككۈچىلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ.

ھاراقنى كۆپ ئىچسە جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ. جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم زەھەر تازلايدىغان ئەزا، شۇنداقلا ئۆت سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىدىغان، جىگەر شېكىرىنى ساقلايدىغان ئەزا، شۇڭا ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەرنى ماي قاپلاپ، ھەزىم قىلىش، شۈمۈرۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ۋە ئىممونت ئىقتىدارى تۆ’ەنلەپ، بەدەننىڭ تۈرلۈك كېسەللىككە بولغان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچىش چوڭ مېڭىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم ھاراق ئىچكەندە قان تومۇر تارىيىپ، نەپەسلىنىش تەسلىشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە، يۈرەك مۇسكۇلىنى ماي قاپلاپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتىرىيەلىك يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. تىببىي تەتقىقاتتا دەلىللىنىشىچە، نۇرغۇن مىقداردىكى ئىسپىرت ئۇرۇق ۋە ھامىلىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھاراقكەشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدا ئەقلىي قابىلىيىتى ئاجىز پەرزەنت ۋە غەيرى تۆرەلمە بولۇش تىراگدىيىسى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:05:47

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ