ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىھەيىز كېسىلىش يىغىندى ئالامەتلىرى

ھەيىز كېسىلىش يىغىندى ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەيىز كېسىلىش يىغىندى ئالامەتلىرى 绝经期综合症

ھەيىز كېسىلىش (كلىماكتېرىيە دەۋرى) دەۋرى بولسا ، ئاياللار تۇخۇمدان رولىنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلاپ ، ھەيز توختاشنىڭ ئالدى كەينى دەۋرى بولۇپ ، 40~50ياش ئەتراپىدا بولىدۇ

ھەيز كېىسىلىش دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلاشقانلىقىدىن ھەرخىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . مەسىلە:يۈز كۆزلىرى قىزىرىش ، قۇلىقى غوڭۇلداش، ئۇيقۇسىزلىق ، غەمكىن بولۇش ، ئاسان ھاياجانلىشىش ، ھەتتا يىغلاش ، بېشى چىڭقىلىش ، بەزىلىرىدە قان بېسىمى ئۆرلەش ، يۈرەك تېز سېلىپ كېتىش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

ھەيىز كېسىلىش يىغىندى ئالامەتلىرى

بۇ دەۋرىدە كۆپىنچە ئاياللار سەمىرىپ ، ماي قورسىقى ۋە ساغرىسىغا يىغىلىدۇ . بەزىلىرى ئورۇقلايدۇ . ئاياللارنىڭ ھەيزى كېسىلىش دەۋرىدىكى ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر – يىنىكلىكى ، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىچكى ئاجراتما خىزمىتىنىڭ قايتىدىن تەڭشىلىشىدىن ئالامەتلىرى ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ .

ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش بىر تەبىئىي باسقۇچ . شۇڭا ئىدىيىدىكى غەمكىنلىكنى تۈەىتىش ، ئۆزىدە قانداقتۇ بىر كېسەل بار دەپ گۇمانلىنىۋەرمەسلىك كېرەك .

خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ، روھىي كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش ، روھىي يۈكنى يېنىكلىتىش كېرەك . ئالامەتلىرى ئېغىرلىرىنى دوختۇرغا كۆرسىتىش ، كېسەل ئالامىتىگە قارىتا تىنچلاندۇرۇش ، ھورمون دورىلىرنى ئىشلىتىش لازىم .

ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر يالغۇز مەزكۈر كېسەلدە كۆرىلىپلا قالماي ، بەلكى بۇنىڭدىن باشقا كېسەللىكتىمۇ كۆرۈلىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-08 / 06:12:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ