ھەزىم قىلىش سىستېمىسى دىگەن نىمە؟
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى: ئىنگىلىزچە:gastrointestinal system ياكى DIGESTIVE SYSTEM تۈركچە SINDIRIM SISTEM خەنزۇچە: 消化系统 دەپ ئاتايدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسى، بىر يىمەك ياكى سۇنىڭ ئېغىزىمىزدىن كىرىپ ئارقا مەقەت قىسمدىن چىققىچە بولغان بۇ يولدىكى بارلىق ئورگان، يوللارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يىمەكلىك ، سۇ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىمىز. ھەم بۇ ئارقىلىق ھاياتىمىزنى داۋام قىلىمىز.
ھەزىم قىلىش سىتىمىسىدا قايسى ئورگانلار بار؟
ھەزىم قىلىش سىستىمىسنى 2 بۆلەككە بۆلۈپ چۈشىنىڭ. ھەزىم قىلىش يول بىلەن ھەزىم قىلىش بەزلىرى.
- ھەزىم قىلىش بېزى دىگىنىمىز: تۈكرۈك بېزى، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت ۋە جىگەرنى كۆرسىتىدۇ. بەز دىگەن دىگەندىكىن بۇ يەردە يىمەكلىكلەر ماڭىدىغان يول ئەمەس بەلكى، يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا، پارچىلاشقا، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولغان سۇيۇقلۇق ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان يەر دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
- ھەزىم قىلىش يوللىرى دىگىنىمىز، بىز ئىستىمال قىلغان يىمەك ئىچمەكلەر كىرىدىغان، پارچىلىنىپ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئېغىز يولى ( تۈكۈرۈك بېزى مۇشۇ يەردە )، قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازان ( ئاشقازان ئاستى بېزى ئاشقازاننىڭ ئاستىدا بولىدۇ )، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئۈچ قىسمى يەنى 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي، (بۇ يەردە 12 ئۈچەيگە تۇتىشىدىغان ئۆت، جىگەر بار )، ئاندىن ئىنچىكە ئۈچەينىڭ چوڭ ئۈچەي تۇتىشىدۇ، بۇ تۇتاشقان يەردە سوقۇر ئۈچەي بار، چوڭ ئۈچەي يولى بىرقانچە قىسمغا بۆلۈنىدۇ ئالدىنقى قىسمى بوغماق ئۈچەيمۇ دەپ ئاتىلىدۇ، تەرتىپ بويىچە، بوغماق ئۈچەينىڭ چىققان قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ تۈز قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ چۈشكەن قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ پۈكۈك قىسمى، قارىغۇ ئۈچەي ۋە ئۇزۇن ئۈچەي، ئەڭ ئاخىرىدا مەقەت. مانا بۇ ئۇزۇن بىر يول ھەزىم قىلىش يولىدۇر. بىز ئارىسىغا ھەزىم قىلىش بېزىنى قوشۇپ قويدۇق. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، تىل بىلەن چىشمۇ ھەزىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ يۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا ئايرىم بۆلۈملىرى بولغاچقا، بۇلارنى ئايرىپ سۆزلەپ ئۆتىمىز. چىش بەدەننىڭ ئەڭ قاتتىق قىسمى ، مۇشۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، تەركىبىنىڭ 97% سى كالتسىيدىن تۈزۈلىدۇ.
ئادەمنىڭ بۇ ھەزىم قىلىش سىىستىمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ باشقا ئورگانلىرى سىستىمىلارغا ئوخشاش، ناھايىتى مۇكەممەل بىر سىستىم. ئەگەر ئىچىگە چۆكۈپ كىرىپ ئىزدىنىپ باقسىڭىز، سىزلا ئەمەس، بىز دوختۇرلارمۇ ھەيران قىلىمىز. ئەڭ ئاددىسى، ئويلاپ باقسىڭىز، سىز تاماق يىگەندە، ئىسسىق يەيسىز، سوغۇق يەيسىز، يۇماي يەپ سالىسىز، ماروژنا يەيسىز، ھەرخىل ئىچىملىك ئىچىسىز.. ئىشقىلىپ تاشقى دۇنيادىكى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يەپ باقىسىز. ئەلۋەتتە پاكىز يىيىشكە تىرىشىسىز. ئەمما بىلىپ بىلمەي مەينەت نەرسىلەر كىرىپ قالغان تەغدىردىمۇ، بىزنىڭ بۇ سىستىمىمىز قاتمۇقات شاللاش، ئېرىتىش، ھەزىم قىلىش، پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، پايدىسىز نەرسىلەرنى چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق كېسەل بولۇشىمىزدىن ساقلايدۇ.