ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرىھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى قايسى بۆلۈمدە كۆرۈنىدۇ؟

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى قايسى بۆلۈمدە كۆرۈنىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدە كېسەللىك بولسا نورمالدا ئۈچەي ئاشقازان بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆرىدۇ.

ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastrointestinal department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastrointestinal bölümü دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:消化科 دەيدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:内科دەيدۇ.

 

ئۆسمە راك بولسا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئوپىراتسىيگە كېرەك بولىدىغان كېسەللىكلەر  مەسىلەن سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت تاش ئوپىراتسىيەسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسا، تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى كۆرىدۇ.

ئۆسمە راك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: oncology department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: onkoloji bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:肿瘤科دەيدۇ.

تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  surgical departmentتۈركچىدە: bölümü genel cerrahi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:外科دەيدۇ.

 

ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ھەربىر يەردە كېسەللىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىزنىڭ ھەزىم قىلىش يولىمىز يا تېرىمىزگە ئوخشاش قېلىن ئەمەس، ياكى ئىچكى ئورگانلىرىمىز يۈرەك، بۆرەك، مېڭىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇدۇل تۇتاشمىغىنىغا ئوخشىمايدۇ.

ئاغزىمىزدىن ھەر تۈرلۈك خەتەرلىك زەھەرلىك نەرسىلەر كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا قولىمىزدىن كېلىشىچە پاكىز يەيلى، نورمىلىق ئاز يەيلى،  سىڭدۈرۈشكە تەس بولغان نەرسىلەرنى كۆپرەك چاينايلى، پاكىز سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى، كۈندە ياغىلىق ياكى گۆشلۈك تاماققا ئېسىلىۋالمايلى.

بىر ھەپتىدە تاماقلارنىڭ تۈرىنى يەنى قاتتىق بىلەن سۇيۇق، ئىسسىق سوغۇت تەبىئىتىنى تەڭشەپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلىشنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:39:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ