ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچە

ياخشىمۇسىلەر. مەن نۇرمەمەت

بىر مەزگىل لىكسىيە چىقىرالمىدۇق، كەچۈرۈڭلار. يەنە شۇ خىزمەت ھەم ئىمتىھانلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ قالدۇق.

بۇ قېتىملىق لىكسىيەدە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تونۇشتۇرىمىز. لىكسىيەنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، قوشۇپ قويىدىغان نۇقتا بار.

4 خىل تىل ئارقىلىق ئىزدىنىشىڭىزگە ياردەم قىلىمىز

بۇنىڭدىن كېيىنكى لىكسىيەلىرىمىزدە، ھەربىر ئورگاننى ياكى كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرغاندا، ئىنگىلىزچە تۈركچە خەنزۇچە ئاتىلىشىنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا تىرىشىمىز. ھەم ئىكرانغا خەتلىك يېزىپ قويۇشقا تىرىشىمىز. بەلكىم بەزىلەر بىز سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمونلارنى توردىن كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ يۇ ئۇيغۇرچە مەزمونلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا تىلدا ئىزدەپ باققۇسى كېلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن تەمىنلەشنى قارارق قىلدۇق. ئەمما، بۇنىڭدىن سىرت باشقا تىلدىكىلىرىنى قوشۇشقا ھازىرچە بىلىمىم يەتمەيدۇ. باشقا تىللار ئۈچۈن، غەرىپ مىدىتسىناسىدا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەر، ئاساسەن بۇرۇنقى لاتىنچە، گىرىكچە، ئانگلوساكسون تىلىدىن كەلگەن بولغاچقا، غەرىپ ئەللىرىدىكى مىدىتسىنا تىللىرى ئوقۇلۇشتا ھەم مەنا جەھەتتە، ئاساسەن 70-80% ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، مەن تەمىنلەپ بەرگەن تىللاردىكى ئاتالغۇلىرى بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئىزدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ.

خوش ئەمدى، لىكسىيەرىمىزنى باشلايلى.

 

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى دىگەن نىمە؟

ھەزىم قىلىش سىستىمىسى: ئىنگىلىزچە:gastrointestinal system ياكى DIGESTIVE SYSTEM  تۈركچە SINDIRIM SISTEM خەنزۇچە: 消化系统 دەپ ئاتايدۇ.

ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسى، بىر يىمەك ياكى سۇنىڭ ئېغىزىمىزدىن كىرىپ ئارقا مەقەت قىسمدىن چىققىچە بولغان بۇ يولدىكى بارلىق ئورگان، يوللارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يىمەكلىك ، سۇ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىمىز. ھەم بۇ ئارقىلىق ھاياتىمىزنى داۋام قىلىمىز.

 

ھەزىم قىلىش سىتىمىسىدا نىمىلەر بار؟

ھەزىم قىلىش سىستىمىسنى 2 بۆلەككە بۆلۈپ چۈشىنىڭ. ھەزىم قىلىش يول  بىلەن ھەزىم قىلىش بەزلىرى.

 

  1. ھەزىم قىلىش بېزى دىگىنىمىز: تۈكرۈك بېزى، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت ۋە جىگەرنى كۆرسىتىدۇ. بەز دىگەن دىگەندىكىن بۇ يەردە يىمەكلىكلەر ماڭىدىغان يول ئەمەس بەلكى، يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا، پارچىلاشقا، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولغان سۇيۇقلۇق ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان يەر دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
  2. ھەزىم قىلىش يوللىرى دىگىنىمىز، بىز ئىستىمال قىلغان يىمەك ئىچمەكلەر كىرىدىغان، پارچىلىنىپ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئېغىز يولى ( تۈكۈرۈك بېزى مۇشۇ يەردە )، قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازان ( ئاشقازان ئاستى بېزى ئاشقازاننىڭ ئاستىدا بولىدۇ )، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئۈچ قىسمى يەنى 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي، (بۇ يەردە 12 ئۈچەيگە تۇتىشىدىغان ئۆت، جىگەر بار )، ئاندىن ئىنچىكە ئۈچەينىڭ چوڭ ئۈچەي تۇتىشىدۇ، بۇ تۇتاشقان يەردە سوقۇر ئۈچەي بار، چوڭ ئۈچەي يولى بىرقانچە قىسمغا بۆلۈنىدۇ ئالدىنقى قىسمى بوغماق ئۈچەيمۇ دەپ ئاتىلىدۇ، تەرتىپ بويىچە، بوغماق ئۈچەينىڭ چىققان قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ تۈز قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ چۈشكەن قىسمى، بوغماق ئۈچەينىڭ پۈكۈك قىسمى، قارىغۇ ئۈچەي ۋە ئۇزۇن ئۈچەي، ئەڭ ئاخىرىدا مەقەت. مانا بۇ ئۇزۇن بىر يول ھەزىم قىلىش يولىدۇر. بىز ئارىسىغا ھەزىم قىلىش بېزىنى قوشۇپ قويدۇق. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، تىل بىلەن چىشمۇ ھەزىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ يۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا ئايرىم بۆلۈملىرى بولغاچقا، بۇلارنى ئايرىپ سۆزلەپ ئۆتىمىز. چىش بەدەننىڭ ئەڭ قاتتىق قىسمى ، مۇشۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ.  بۇنىڭ سەۋەبى، تەركىبىنىڭ 97% سى كالتسىيدىن تۈزۈلىدۇ.

ئادەمنىڭ بۇ ھەزىم قىلىش سىىستىمىسى  ئادەم بەدىنىنىڭ باشقا ئورگانلىرى سىستىمىلارغا ئوخشاش، ناھايىتى مۇكەممەل بىر سىستىم. ئەگەر ئىچىگە چۆكۈپ كىرىپ ئىزدىنىپ باقسىڭىز، سىزلا ئەمەس، بىز دوختۇرلارمۇ ھەيران قىلىمىز. ئەڭ ئاددىسى، ئويلاپ باقسىڭىز، سىز تاماق يىگەندە، ئىسسىق يەيسىز، سوغۇق يەيسىز، يۇماي يەپ سالىسىز، ماروژنا يەيسىز، ھەرخىل ئىچىملىك ئىچىسىز.. ئىشقىلىپ تاشقى دۇنيادىكى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يەپ باقىسىز. ئەلۋەتتە پاكىز يىيىشكە تىرىشىسىز. ئەمما بىلىپ بىلمەي مەينەت نەرسىلەر كىرىپ قالغان تەغدىردىمۇ، بىزنىڭ بۇ سىستىمىمىز قاتمۇقات شاللاش، ئېرىتىش، ھەزىم قىلىش، پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، پايدىسىز نەرسىلەرنى چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق كېسەل بولۇشىمىزدىن ساقلايدۇ.

 

تۆۋەندە ھەر بىر قىسمىنىڭ روللىرىنى سەل تەپسىلىيراق دەپ ئۆتىمىز.

  1. ئېغىز بوشلۇقى: ئىنگىلىزچە: mouth, oral cavity تۈركچە ağız boşluğu خەنزۇچە: 口腔 دەپ ئاتايدۇ.

يىمەك ئېغىزدىن كىرگەندىن كېيىن، چىشىمىز چايناپ ئېزىمىز، تۈكرۈك بېزىدىن چىققان تۈكۈرۈكلەر يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا، سىلىقلارشتۇرۇپ گەلدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. قانچە كۆپ چاينىسڭىز، ئاشقازىنىڭىزغا بولغان يۈك شۇنچە ئازلايدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ئاساسەن يېمەكلىكلەرنى پەقەت ئېزىپ بېرىشكە مەسئۇل. يېمەكتىكى پايدىلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا بەزى دورىلارنى تىلىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئېرىتىپ شۇ يەردىن ئۇدۇل قانغا كىرىشىگە ياردەم بېرىمىز. مەسىلەن: تۈركىيەدىكى تىلنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئېرىتىپ ئىستىمال قىلىدىغان قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى.

 

  1. قىزىلئۆڭگەچ: ئىنگىلىزچە: Esophagus تۈركچىدە Yemek borusu, ياكى özofagus مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 食管 دەپ ئاتايدۇ.

قىزىل ئۆڭگەچنىڭ رىتىملىق قىسقىراپ كېيىشى ئارقىلىق بىز بايا ياخشى چايناپ يۇتقان يىمكەلىكلەر ئاستا ئاستا ئاشقازانغا يوللىنىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ بىلەن كاناي يولى بىر بىرىگە تام قوشنا، يۇتقۇنچاق قىسىمدا، كاناي يولىنى توسۇپ قالىدىغان كىكىردەك قاپقىقى بار، گەپ قىلغاندا، نەپەس ئالغاندا قاپقاق ئوچۇق تۇرىدۇ،  تاماق يىگەندە، سۇ ئىچكەندە قاپقاق ئېتىلىدۇ. شۇڭا ئۆپكىگە سۇ يىمەكلەر ئاسان قېچىپ كىرۋالمايدۇ. ئەگەر تاماق يىگەندە سۇ ئىچكەندە تولا گەپ قىلسىڭىز، قاپقاق زەخىملەنسە، ياكى شۇ قاپقاقنى كونترول قىلىدىغان نېرۋىلار زەخىملەنسە، قاپقاق يېپىلماي قېلىپ، يېمەكلەر ئۆپكە يولىغا كىرىۋېلىۋالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يۆتىلىپ كىتىمىز، ئۆپكە يۆتىلىش ئارقىلىق شۇ ھاۋا يولىغا كىرىلۋالغان يىمەكلىك يۇقۇندىسى، سۇ ياكى بەلغەم، ۋە ياكى سىرتتىن كىرگەن جىسىمنى تازىلاشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەك ئىچىگە كىرىپ كەتسە، نەپەس ئالالمايدىغان، ياللۇغىلىنىدىغان، ئۆپكە تىشىلىپ كېتىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ.

 

  1. ئاشقازانغا كىرىش يولىدىكى كىلاپان: ئىنگىلىزچە: Cardia تۈركچە kardia ياكى Mide kapakcığı خەنزۇچە: 贲门 دەپ ئاتايدۇ.

خوش، بايا بىز يىگەن يىمكەلىكلەر قىزىلئۆڭگەچتىن بىخەتەر ئۆتۈپ ئاشقازانغا يېقىنلاشتى، ئاشقازانغا كىرىش ئېغىزىدا بىر كىلاپان بار، ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ كىلاپانى دەپمۇ قويىدۇ، يەنە بىر ئىسمى كاردىيە دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ كىلاپان بەكلا مۇھىم. ئۇنىڭ رولى تاماقلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسىمۇ كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. يەنى بىزنىڭ ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسەللىكى. بىزدىن مەسلىھەت سورىغان ياشلارنىڭ تەڭدىن تولىسىدا بۇ كېسەللىك بار. تاماقتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدە ئىچىشىپ ئاغرىش، ئېغىزدىن ئاچچىق سۇ يېنىش، تولا كېكىرىش، تاماقنى ئاز يىسىمۇ تويغاندەك گەلدە بىرنەرسە تاقىقشىىپ قالغاندەك ھىس بولۇش، چىش مىلىكلىرى چىرىش، ئاۋازى بوغۇق چىقىش، دەل مۇشۇ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ياشلار بۇ ئالامەتلەرنى يۈرەك كېسىلى ياكى ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ.

 

  1. ئاشقازان: ئىنگىلىزچە: Stomach تۈركچە Mide خەنزۇچە: 胃 دەپ ئاتايدۇ.

بىز تاماقلارنى ئاساسەن مۇشۇ يەردە ئېرىتىمىز. ئەمما تاماقلارنىڭ پايدىلىق قىسملىرىنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. يىمكەلىكلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئاشقازان بەزى كىسلاتالارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇقلار ئاشقازانغا كېلىپ، يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئادەتتە يىمەكلەر، ئىچىملىكلەر ئاشقازاندا 4-6 سائەتقىچە قېلىپ، بۇ ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئاندىن ئاستا ئاستا ئىنچىكە ئۈچەيگە قاراپ ماڭىدۇ.

 

  1. ئاشقازان ئاستى بېزى: ئىنگىلىزچە: Pancrease تۈركچە Pankreas خەنزۇچە: 胰腺دەپ ئاتايدۇ.

كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئورگانغا ئانچە ياخشى چۈشەنچىسى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئاشقازان ئاستى بېزى بەدىنىمىزنىڭ باشقا ئورگانلىرىغا ئوخشاش بەكلا مۇھىم بىر ئورگان. يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىدىغان سۇيۇقلۇق ماددىلانى ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىشلەپ چىقارغان ماددىلارنى 12 بارماق ئۈچەيگە ئەۋەتىپ بېرىپ يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئېرىتىدۇ، ئىنسۇلىننى قانغا قويۇپ بېرىپ قەنت دەرىجىسىنى كونترول قىلىدۇ. دىئابىت كېسىلىمۇ دەل شۇ كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ياخشى ئىشلىمىگەنلىك ياكى پۈتۈنلەي ئىشلىمىگەن سەۋەبىدىن بولىدۇ.

 

ھاردىڭلارمۇ؟ چاي ئىچەمسىلەر؟ ياكى ئۇقۇڭلار كەلگەن بولسا، قەھۋە بىرەيمۇ؟

 

  1. ئىنچىكە ئۈچەي : ئىنگىلىزچە: Small intestine تۈركچە İnce bagirsak خەنزۇچە: 小肠 دەپ ئاتايدۇ.

ئۇزۇنلۇقى 5-6 مىتىر ئەتراپىدا بولغان بۇ يەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ئايرىم ئايرىم ئىسمى 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي بولۇپ ، بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر يەر. چۈنكى بىز ئىستىمال قىلغان يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل مۇشۇ قىسىم ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈۋېلىپ، ئاستا ئاستا قانغا بېرىدىغان يەر مۇشۇ قىسىمدا بولىدۇ. مەيلى سۇ بولسۇن، مىنىرال ماددىلار بولسۇن، ناترىي، كالىي، كالتسىي، تۆمۈرلەر بولسۇن، شىكەر ماددىلىرى بولسۇن، ئاقسىل بولسۇن، ماي بولسۇن… ئىشقىلىپ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ يەردە سۈمۈرۈلۈپ، قانغا كىرىدۇ. بۇ قىسىم ھەم ھەرىكەت قىلغاچ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرىدۇ، ھەم ئۆزىدىن ئىشلەپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، جىگەردىن، ئۆتتىن، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرۈشكە ئاسانلاشتۇرىدۇ.

 

  1. جىگەر: ئىنگىلىزچە: Liver ياكى تىببىي سۆزلۈكتە hepato, hepatic دەپ ئاتايدۇ.  تۈركچە Karaciğer خەنزۇچە: 肝脏 دەپ ئاتايدۇ.

جىگەر بىزنىڭ ئاجايىپ مۇھىم ھەم ئالدىراش بىر ئورگىنىمىز. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ساغلام جىگىرى 1-2.5 كىلوگرام ئەتراپىدا رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. يان تەرەپتە رەسىمىنى كۆرەلەيسىلەر. بەدىنىمىز كېرەكلىك بولغان كۆپىنچە ئاقسىللارنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، شىكەرنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە قىلىدۇ، مايلارنى ئېرىتىدۇ، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، قان ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋىتامىن ئا، د  ساقلايدۇ، شىكەر ھەم مىنىرال ماددىلارنى ساقلاپ قويىدۇ، بەزى دورىلار مۇشۇ يەردە پارچىلىنىدۇ، قاندىكى زەھەر ماددىلارنى تازىلايدۇ… ئىشقىلىپ خېلى خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى ھەم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش رولىمۇ بار. جىگەر بىلەن ئۆت بىر بىرىگە يېقىن. جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى، ئۆتكە كېلىپ ساقلىنىدۇ. كېرەك بولغاندا ئۆتتىن 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

 

  1. ئۆت: ئۆت: ئىنگىلىزچە: gulbladder, تۈركچە safrakesesi خەنزۇچە: 胆囊 دەپ ئاتايدۇ.

ئۆت جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بىر ئورگان بولۇپ، جىگەردىن كەلگەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدۇ، قايتا سۈمۈرۈپ ساپلاشتۇرىدۇ، يىمەكلىك ئىستىمال قىلغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقىنى 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىپ، يىمكەلىكلەرنىڭ پارچىلىنىپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ يەردە ئاسان تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

 

  1. سوقۇر ئۈچەي: ئىنگىلىزچە: appendix تۈركچە apendiks خەنزۇچە: 阑尾 دەپ ئاتايدۇ.

سوقۇر ئۈچەينى يەنە بىر لىكسىيەدە سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئىسىڭلاردا بارمۇ؟ ئىنچىكە ئۈچەي بىلەن چوڭ ئۈچەي تۇتاشقان يەردە بولىدىغان، خالتا شەكىلدىكى بىر قىسىم بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ئانچە چوڭ پايدىسى يوق بىر يەر. بەزى تەتقىقاتچىلار بەدەن ئىممۇنىتىت سىستېمىسىغا ياردەم قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

 

  1. چوڭ ئۈچەي: ئىنگىلىزچە: large intestine  تۈركچە kalın bağırsak خەنزۇچە: 大肠 دەپ ئاتايدۇ.

چوڭ ئۈچەينىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 ئەتراپىدا. چوڭ ئۈچەيدە ئاساسلىقى سۇنى سۈمۈرۈدىغان ھەم چوڭ تەرەتنىڭ شەكىللەندۈرىدىغان  ئورۇن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. ھەم بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ ئۈچەيىڭىزدە ھەر دائىم مىكروپ بارلىقىنى بىلەمسىز؟  مىكروپ؟ ئەمىسە ياللۇغىلىنىپ ئاغرىپ قالمامدىم؟ ياق، ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ مىكروپلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئادەم بەدىنىدە ياشايدىغان، ئادەم بەدىنىگە ئانچە زەخىم يەتكۈزمەيدىغان مىكروپ بولۇپ، كىچىك ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈپ بولالمىغان، ئېشىپ قالغان يېمەك قالدۇقلىرىنى پارچىلىپ چوڭ تەرەت شەكىللەندۈرىدۇ، مىكروپلارنىڭ يەنە بىر رولى ب ۋىتامىن ۋە ك ۋىتامىن ئىشلەپ چىقىرىپ قانغا بېرىدۇ، ھەم يەل ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ قىسىمدىكى مىكروپلارنىڭ مىقتارى كۆپىيىپ كەتسە، ياكى ئوخشىمىغان مىكروپلار ئىچىگە كىرىپ ساغلام مىكروپلارنىڭ مۇھىتىنى بۇزۇپ قويسا، چوڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇپ كەتسە، سۇنى سۈمۈرەلمەي قالىدۇ، ئىچىڭىز سۈرۈپ قالىدۇ. سۇنى ئاز ئىچسىڭىز، قەۋزىيەت بولىسىز. بۇنىڭدىن سىرت بەزى ئىستىمال قىلىنغان ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىمۇ بۇ قىسىمدىكى مىكروپلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ قويۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

  1. تۈز ئۈچەي ۋە مەقەت :

تۈز ئۈچەي: ئىنگىلىزچە: rektum  تۈركچە rektum خەنزۇچە: 直肠 دەپ ئاتايدۇ.

مەقەت: ئىنگىلىزچە: anus  تۈركچە makat خەنزۇچە: 肛门 دەپ ئاتايدۇ.

 

بۇ قىسىملاردا ھەزىم قىلىشنىڭ ئاخىرقى قىسمى، ئاساسلىقى چوڭ تەرەتنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدىغان يەرلەردۇر.

 

مانا بۇ دەپ ئۆتكەنلەر، ھەزىم قىلىش سىسىتمىسنىڭ ئاساسلىق قىسىملىرى، ۋە ئۇلارنىڭ نورمال فىزىكىلىق روللىرى

 

ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدە كېسەللىك بولسا نورمالدا ئۈچەي ئاشقازان بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆرىدۇ.

ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastrointestinal department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastrointestinal bölümü دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:消化科 دەيدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:内科دەيدۇ.

 

ئۆسمە راك بولسا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئوپىراتسىيگە كېرەك بولىدىغان كېسەللىكلەر  مەسىلەن سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت تاش ئوپىراتسىيەسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسا، تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمى كۆرىدۇ.

ئۆسمە راك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: oncology department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: onkoloji bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:肿瘤科دەيدۇ.

تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  surgical departmentتۈركچىدە: bölümü genel cerrahi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:外科دەيدۇ.

 

بىز يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن ھەربىر يەردە كېسەللىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىزنىڭ ھەزىم قىلىش يولىمىز يا تېرىمىزگە ئوخشاش قېلىن ئەمەس، ياكى ئىچكى ئورگانلىرىمىز يۈرەك، بۆرەك، مېڭىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇدۇل تۇتاشمىغىنىغا ئوخشىمايدۇ. ئاغزىمىزدىن ھەر تۈرلۈك خەتەرلىك زەھەرلىك نەرسىلەر كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا قولىمىزدىن كېلىشىچە پاكىز يەيلى، نورمىلىق ئاز يەيلى،  سىڭدۈرۈشكە تەس بولغان نەرسىلەرنى كۆپرەك چاينايلى، پاكىز سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى، كۈندە ياغىلىق ياكى گۆشلۈك تاماققا ئېسىلىۋالمايلى. بىر ھەپتىدە تاماقلارنىڭ تۈرىنى يەنى قاتتىق بىلەن سۇيۇق، ئىسسىق سوغۇت تەبىئىتىنى تەڭشەپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلىشنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.

 

مەن نۇر دوختۇر —————

 

ھەزىم قىلىش سىستىمىسىنى تونۇشتۇرۇش لىكسىيەرىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. بۇ بىلىملەر ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تاماق يىگەندە، قانداق يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ بەدىنىڭىز تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن.

 

كېيىنكى لىكسىيەلەردە، تورداشلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدىكى كېسەللىكلەر، خەتەرلىك كېسەللىكلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

 

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img