HIV = ئەيدىز ۋىرۇسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

HIV نى چۈشەندۈرۈش Human- H ئىنگىلىزچە “ئىنسان” دىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانغا، يەنى ئادەملەرگ

HIV نى چۈشەندۈرۈش

Human- H ئىنگىلىزچە “ئىنسان” دىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانغا، يەنى ئادەملەرگىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ھايۋانلارغا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

I – “Immunodeficiency يەنى «ئىممۇنىتېت كەملىك» دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىكلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا كەملىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

– V Virus يەنى “ۋىرۇس” دىگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسىنىڭ ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، HIV”ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى” دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتىلىشىدۇر. ۋىرۇس باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلارغا ئوخشىمايدۇ(مەسلەن: ۋىرۇس بىلەن باكتىرىيە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ)، چۈنكى ۋىرۇسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر خىل يۇقۇملىنىش بولۇپ، بىز دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتەلەيمىز، بىراق بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى تەلتۆكۈس ساقايتالمايمىز.

HIV ھاۋادا، كېيىم- كېچەك ياكى يىمەك- ئىچمەكتە بولمايدۇ، پەقەت ئادەم تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. HIV (يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى) قاندا، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدا، جىنسى يول ئاجىرالمىلىرىدا ۋە ئانا سۈتىدە بولىدۇ. شۇڭا، HIV بىلەن AIDS نىڭ پەرقىنى بىلىش كېرەك.HIV(ئەيدىز ۋىرۇسى) مەلۇم يوللارئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس.AIDS بولسا HIVدىن يۇقۇملىنىپ، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزۇلۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. HIVبولسا ۋىرۇس، AIDSبولسا بەدەننى پۇتۇنلەي مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يىغىندىسى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:35:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ