ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىHIVدىگەن نىمە؟ AIDS دىگەنچۇ؟

HIVدىگەن نىمە؟ AIDS دىگەنچۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

HIV ياكىAIDS دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا قانداق ئويغا كېلىسىلەر ؟

(AIDS) ئەيدى نى چۈشەندۈرۈش
ئەيدىز بولسا ئىنگىلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممونىت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. (كىلىنكىدا CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى 200 ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغان ۋاقتىنى AIDS دەپ ئاتايدۇ.

A- Acquired يەنى “ئېرىشمە” دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تاشقى مۇھىتتىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Immune -I يەنى” ئىممۇنىت” دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
Deficiancy -D يەنى”كەمچىللك” دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

S Syndrome -يەنى “ئۇنۋېرسال ئالامەت” دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۈرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەممىسنى بىرلەشتۈرگەندە، “ئېرىشمە ئىممونت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى” بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) نى چۈشەندۈرۈش

Human- H ئىنگىلىزچە “ئىنسان” دىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانغا، يەنى ئادەملەرگىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ھايۋانلارغا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Immunodeficiency -I يەنى “ئىممۇنىت كەملىك” دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىكلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان ئىممۇنىت سېستىمىسىنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، ئىنسان ئىممۇنت سېستىمىسىدا كەملىك كۆرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Virus -V يەنى “ۋىرۇس” دىگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسىنىڭ ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، “ئىنسانلار ئىممونت كەملىك ۋىرۇسى” دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسنىڭ كېڭەيتىلگەن تېببي ئاتىلىشىدۇر.

ۋىرۇس باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلارغا ئوخشىمايدۇ(مەسلەن: ۋىروس بىلەن باكتىرىيە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ)، چۈنكى ۋىروسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر خىل يۇقۇملىنىش بولۇپ، بىز دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتەلەيمىز، بىراق بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى تەلتۆكۈس ساقايتالمايمىز.HIV ھاۋادا، كېيىم- كېچەك ياكى يىمەك ئىچمەكتە بولمايدۇ، پەقەت ئادەم تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. HIV (يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى) قاندا، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدا، جىنسى يول ئاجىرالمىلىرىدا ۋە ئانا سۈتىدە بولىدۇ.

شۇڭا، HIV بىلەن AIDS نىڭ پەرقىنى ئېنىقلىۋالايلى.HIV ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىروس.AIDS بولسا HIVدىن يۇقۇملىنىپ، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىممونىت سېستىمىسىنى بۇزۇلۇپ، كېسەلگە قارىشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. HIV بولسا ۋىرۇس، AIDSبولسا بەدەننى پۇتۇنلەي مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يىغىندىسى.

ئادەم ئەيدىز (AIDS) يۇقۇملانمايدۇ، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن(HIV) يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگىچە بولغان ۋاقىت ھەر بىر ئادەمنىڭ كونكېرىت ئەھۋالى ۋە باشقا ئامىللارغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ۋاقىت ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن8-10 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:47:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ