ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇنقى ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرىمىز پۈتۈن تەبىئەت، جانسىز، جانلىق ئۆسۈملۈكلەرگىچە ھەممە مەۋجۇداتنىڭ تۆت چوڭ ماددا( ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق) دىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. تۆت ماددا ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ مىزاجىنى، خىلىتلىرىنى ھەم تۆت تۈر گە ئايرىپ چىققان. بىز تۆۋەندە كىتابخانلار نىڭ دورىلارنى ئۆز مىزاجىغا ماس ھالدا توغرا ئىشلىتىپ ، پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى تۆت خىل مىزاج ھالەتلىرىنى
تونۇشتۇرىمىز .

ھەر بىر ئادەم تۆت خىل مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالغاندا، ئۆز مىزاجىنى ئېنىق بىلىپ، مىزاجىنى يېمەك – ئىچمەك ، بىر قىسىم دورا ماتېرىياللار بىلەن تەڭشىيەلەيدۇ . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئايرىپ، ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت قىلالايدۇ. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

2. مىزاجى ھۆل ئىسسىق كىشىلەر

بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ . بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق، چىرايى نۇرلۇق، قىزىل، ئۆزى تېتىك، ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدۇ، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت-قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇي – پەيلى ۋە روھىي ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر خۇش پېئىل، ئوچۇق چىراي كېلىدۇ . قارىماققا خاتىرجەم كۆرۈنىدۇ . بىراق سىرتقى تەسىرلەرگە ئالاھىدە ئىنكاس كۆرسىتىدۇ . ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى
ئوتتۇراھال كېلىدۇ. باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .

خۇلقى – خۇشخۇي، چىقىشقاق.

تەپەككۇرى: تەپەككۇرى ئوتتۇراھال، ئەستە تۇتۇشى يۇقىرى بولىدۇ. دوراش، كۆچۈرۈش ئالاھىدىلىكى بار .

قىياپىتى – بەدەن تۈزۈلۈشى چىڭ، ئورۇق – سېمىزلىكى نورمال، يۈز شەكلى كۆر كەم، قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ، كۆزى چوڭ ھەم نۇرلۇق بولىدۇ .

تېرىسى – بۇغداي ئۆڭ، قىزغۇچراق بولۇپ، چىداملىقلىقى ۋە ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولىدۇ، يۇمشاق، سىلىق، پارقىراق كېلىدۇ .

سۆز ئالاھىدىلىكى – تىكىلىپ تۇرۇپ رىتىملىق سۆزلىيەلەيدۇ، قول ھەرىكىتىنى سۆزى بىلەن ماسلاشتۇرالايدۇ، ماختاش سۆزلىرىنى كۆپ قىلىدۇ .

تىلى – تىلى ئۈستىدە قىزغۇچ گەز بولۇپ، ئېغىز تەمى تاتلىق بولىدۇ.

يېمەك – ئىچمىكى – گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قورسىقىغا بەك ئامراق .

يېزىق ئالاھىدىلىكى – خەتنى چوڭ، ئېگىز قىلىپ يازىدۇ .

يول مېڭىشى – ئاستا ماڭىدۇ، بىر نەرسىنى ئويناپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.

كىشىلىك مۇئامىلىسى – كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا ماھىر، باشقىلارنى ئۆزىگە ئاسانلا ئىشەندۈرەلەيدۇ، ئۆزىدە ئىجابىي قابىلىيەت يۇقىرى بولمىسىمۇ ، لېكىن دوراش، باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى كەمچىل، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ سۆزلەشكە ۋە يېزىشقا ئۇرۇنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا يوشۇرۇن دىققەت قىلىدۇ ۋە بىلىشكە قىزىقىدۇ. سۆز – چۆچەك تارقىتىش ۋە ئارىنى بۇزۇۋېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. باشقىلار سۆزلىگەندە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ .

ئۇيقۇسى – كۆپرەك ئۇخلايدۇ ۋە ئەسنەيدۇ .

ھالەت ئۆزگىرىشى – بىرەر ۋەقە ياكى سەزگۈگە يولۇققاندا ھېسداشلىق قىلىش كەيپىياتى تېزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ – يۇ، يەنە ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا، تاقابىل تۇرۇش ھېسسىياتىغا ئۆتىدۇ. كۈلگۈنچەك كۆرۈنىدۇ، خاتىرجەم كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى ھېسسىياتى دولقۇنلاپ تۇرىدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى – تۇرمۇشى تەرتىپلىك، نەرسىلىرى رەتلىك بولىدۇ، مۇھەببىتى كۈچلۈك بولۇپ، جىنسىي پائالىيەتكە ئامراق كېلىدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى – يۈرەك قان تومۇر، يۇقىرى قان بېسىم، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، تېرە كېسىلى (تەمرەتكە) ، قان قويۇلۇش، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .

كۈتۈنۈشى – مايلىق، كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ ، مېۋە – چېۋە ۋە يېشىل كۆكتاتلار پايدا قىلىدۇ .

ئىللىتى – گۇمانخور ، ھىيلىگەر كېلىدۇ ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدۇ .

كەسىپ ئالاھىدىلىكى – ھوقۇق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە پۇل مۇئامىلە، سەنئەت ساھەلىرىگە ماھىر كېلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان تەرىپى – كۆپ خىل قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرسە ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەمگە ئايلىنالايدۇ.

غىزالىنىش تەرتىپى – بۈ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق غىزالار ( قوي گۆشى شورپىسى) نى ئۇز ۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. قۇرۇق سوغۇق خاراكتېردىكى غىزالار بىلەن ( گاڭپەن) ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى مەخپىي رىتسىپلار كىتابىدىن ئۈزۈندە
ئابلەت مەتنىياز

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:21:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ