ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇنقى ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرىمىز پۈتۈن تەبىئەت، جانسىز، جانلىق ئۆسۈملۈكلەرگىچە ھەممە مەۋجۇداتنىڭ تۆت چوڭ ماددا( ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق) دىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. تۆت ماددا ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ مىزاجىنى، خىلىتلىرىنى ھەم تۆت تۈر گە ئايرىپ چىققان. بىز تۆۋەندە كىتابخانلار نىڭ دورىلارنى ئۆز مىزاجىغا ماس ھالدا توغرا ئىشلىتىپ ، پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى تۆت خىل مىزاج ھالەتلىرىنى
تونۇشتۇرىمىز .

ھەر بىر ئادەم تۆت خىل مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالغاندا، ئۆز مىزاجىنى ئېنىق بىلىپ، مىزاجىنى يېمەك – ئىچمەك ، بىر قىسىم دورا ماتېرىياللار بىلەن تەڭشىيەلەيدۇ . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئايرىپ، ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت قىلالايدۇ. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

 

3. مىزاجى ھۆل سوغۇق كىشىلەر

ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ چىرايى ئاق، سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ ، بەدىنى سۈزۈك، يۇمشاق ۋە سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلق – پەيلى ۋە روھىي ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئېغىر – بېسىق ، بىغەم كېلىدۇ . ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ ، لېكىن تەسىرلەنگەندىن كېيىن ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ . ئاسان يادقا ئالالمايدۇ ، ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ، مېخانىك ۋە مۇقىم قانۇنىيەتلىك ئىشلارنى پۇختا بىر تەرەپ قىلالايدۇ . بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغۈق تەبىئەتلىك غىزالار زىيان قىلىدۇ . بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :

خۇلقى – ئېغىر – بېسىق، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن، كىشىلەر بىلەن ئاسان دوستلاشمايدۇ ، دوستلىشىپ قالسا ئاسان تاشلىمايدۇ ، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ . ئۇيقۇغا مايىل كېلىدۇ، سىياسىي ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقماي، ئۆزى بىلەنلا بولىدۇ .

تەپەككۇرى – تەپەككۇرى ئاستا، ئۇنتۇغاق، بىراق مۇقىم قاراشقا ئىگە. مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خاراكتېرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ .

قىياپىتى – خام سېمىز ، چىرايى ئاققا مايىل ، گەۋدىلىك .

تېرىسى – ئاق، يۇمشاق، سىلىق، پارقىراق بولىدۇ . سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ .

تىلى – تىلى ئۈستىدە ئاق سۈزۈك گەز بولۇپ، ئېغىزى تەمسىز بولىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكلىرى – سۆز قىلغاندا ئاشۇ، ئاۋۇ، چۇ ، ھە… دېگەندەك قوشۇمچىلارنى قوشۇپ سۆزلەيدۇ، سوئال سورالمىسا كۆپ گەپ قىلمايدۇ.

يېمەك – ئىچمىكى – گۆشكە ئامراق ( قورۇپ يېيىشكە) ، تۇزلۇق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆكتات ( يېسىۋىلەك… ) ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. تۈگكەن، ھوردا پىشۇرغان تاماقلارنى خالاپ كەتمەيدۇ ، تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ. قورساق ئېچىشىغا چىدىمايدۇ .

خەت – يېزىق ئالاھىدىلىكى – خەتنى چوڭ، قۇر ئارىلىقىنى يىراق، ئاستا، چىرايلىق، كۆركەم يازىدۇ، يازىدىغان نەرسىلىرىدىن زېرىكمەيدۇ .

يول مېڭىشى – ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئىنچىكە دىققەت قىلمايدۇ ، سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ .

كىشىلىك مۇئامىلىسى – كىشىلەرگە ئاسانلا سوغۇق چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ، بىراق ئاقكۆڭۈل، ساددا بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلار غا ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ . باشقىلار نى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ. تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ . ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ ، سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ. دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .

ئۇيقۇسى – كۆپرەك ئۇخلايدۇ ، تولا ئەسنەيدۇ ، ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ ، خورەك تارتىدۇ .

ھالەت ئۆزگىرىشى – ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى – تۇرمۇش رىتىمى ئاستىراق بولسا ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ. تېز بولسا، سۆرۈلۈپ ھېرىپ قالىدۇ . باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ .

ئىللىتى – ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، بىغەملىك، پەرۋاسىزلىق، بىر ئىشلارغا سەل قاراش ئىللىتى ئېغىر .

كېسەللىككە مايىللىقى – بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپىنچە سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر ، بوغۇم ئاغرىقلىرى، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپ ئاغرىيدۇ ، يەنى ئەرلەردە بولسا جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، ئاياللاردا بولسا ئاقخۇن كېسەللىكلىرى، زۇكام، ئاقكېسەل قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ .

كۈتۈنۈشى – بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى غىزالار ( ماش قايناتمىسى، سوغۇق سەي، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، ئاچچىقسۇ … ) ، ئىچىملىكلەر ( شاپتۇل سۈيى، ئاپېلسىن سۈيى) ، مېۋىلەر (نەشپۈت، شاپتۇل،تاۋۇز… ) كۆپ يېسە زىيان قىلىدۇ ، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى غىزالار ( ئات گۆشى، زاغۇن مېيى، قوي گۆشلىرى، پولۇ ، پوشكال، قورۇلغان چۆپ) ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان تەرىپى – ھۆل سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر مىزاجىنىڭ مۆتىدىللىكىگە دىققەت قىلىش، داۋاملىق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكنىلا يەپ مىزاجىنى. ئىسسىققا ئۆزگىرىۋېلىشتىن، مىزاج تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېلىشتىن ساقلىنىش، بىر ۋاقلىققا ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماق يېگەندە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسە يېيىش ( مەسىلەن: پولۇ بىلەن كالا گۆشى ياكى سوغۇق سەي يېيىش، پوشكالنى سۈت، سوغۇق سەي ياكى ئۈستىگە شېكەر سېپىپ يېيىشكە ئوخشاش ) ياكى ئىككى ۋاقلىق تاماققا سوغۇق تەبىئەتلىك تاماق يېيىش، بىرنى قويۇق يېگەندە، بىرنى سۇيۇق ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرۇش لازىم.

باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى مەخپىي رىتسىپلار كىتابىدىن ئۈزۈندە
ئابلەت مەتنىياز

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:21:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ