دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئىنچىكە ئۈچەي – ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ سۈمۈرۈشچانلىق يېرى

ئىنچىكە ئۈچەي : ئىنگىلىزچە: Small intestine تۈركچە İnce bagirsak خەنزۇچە: 小肠 دەپ ئاتايدۇ.

ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئۇزۇنلۇقى 5-6 مىتىر ئەتراپىدا بولغان بۇ يەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بۇلار ئايرىم ئايرىم ئىسمى 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي بولۇپ ، بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر يەر. چۈنكى بىز ئىستىمال قىلغان يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل مۇشۇ قىسىم ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈۋېلىپ، ئاستا ئاستا قانغا بېرىدىغان يەر مۇشۇ قىسىمدا بولىدۇ.

  1. 12بارماق ئۈچەي duodenum, 12 parmak bağırsağı, 十二指肠 : ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقلىرى مۇشۇ قىسىمغا كېلىپ ئاندىن ئاشقازانغا بارىدۇ. 12 بارماق ئۈچەي كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىدىغان جاي.
    12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سىزگە ناتونۇش ئەمەس.
  2. ئاچچىق ئۈچەي jejunum, 空肠 :
  3. يانپاش ئۈچەي ileum,回肠 : قارىغۇ ئۈچەيگە يېقىن بولغان يانپاش ئۈچەي قىسىمدا مەككەل يان خالتىسى بار. بۇ كىچىك يان خالتا ئەگەر ياللۇغىلىنىپ قالسا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا ئوخشاش ئالامەت يۈز بېرىدۇ.

مەيلى سۇ بولسۇن، مىنىرال ماددىلار بولسۇن، ناترىي، كالىي، كالتسىي، تۆمۈرلەر بولسۇن، شىكەر ماددىلىرى بولسۇن، ئاقسىل بولسۇن، ماي بولسۇن… ئىشقىلىپ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ يەردە سۈمۈرۈلۈپ، قانغا كىرىدۇ. بۇ قىسىم ھەم ھەرىكەت قىلغاچ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرىدۇ، ھەم ئۆزىدىن ئىشلەپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، جىگەردىن، ئۆتتىن، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرۈشكە ئاسانلاشتۇرىدۇ.

ئىنچىكە ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-23

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:58:52

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,663FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر