ئۇيغۇرچە: ئىنچىكە ئۈچەي
ئىنگىلىزچە: Small intestine
خەنزۇچە: 小肠
تۈركچە: İnce bağirsak
ئادەم بەدىنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، ئاشقازان ۋە چوڭ ئۈچەينى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۈچەي قىسمىنى ئىنچىكە ئۈچەي ياكى كىچىك ئۈچەي دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.
ئۇزۇنلۇقى 5-6 مىتىر ئەتراپىدا بولغان بۇ يەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ئايرىم ئايرىم ئىسمى 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي بولۇپ ، بىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر يەر. چۈنكى بىز ئىستىمال قىلغان يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل مۇشۇ قىسىم ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈۋېلىپ، ئاستا ئاستا قانغا بېرىدىغان يەر مۇشۇ قىسىمدا بولىدۇ.
مەيلى سۇ بولسۇن، مىنىرال ماددىلار بولسۇن، ناترىي، كالىي، كالتسىي، تۆمۈرلەر بولسۇن، شىكەر ماددىلىرى بولسۇن، ئاقسىل بولسۇن، ماي بولسۇن… ئىشقىلىپ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ يەردە سۈمۈرۈلۈپ، قانغا كىرىدۇ. بۇ قىسىم ھەم ھەرىكەت قىلغاچ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرىدۇ، ھەم ئۆزىدىن ئىشلەپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، جىگەردىن، ئۆتتىن، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرۈشكە ئاسانلاشتۇرىدۇ.
ئىنچىكە ئۈچەي قىسىملىرى: 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي
- 12بارماق ئۈچەي duodenum,12 parmak bağırsağı, 十二指肠 : ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقلىرى مۇشۇ قىسىمغا كېلىپ ئاندىن ئاشقازانغا بارىدۇ. 12 بارماق ئۈچەي كۆپلىگەن ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىدىغان جاي.
- ئاچچىق ئۈچەي jejunum, 空肠:
- يانپاش ئۈچەي ileum,回肠: قارىغۇ ئۈچەيگە يېقىن بولغان يانپاش ئۈچەي قىسىمدا مەككەل يان خالتىسى بار. بۇ كىچىك يان خالتا ئەگەر ياللۇغىلىنىپ قالسا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا ئوخشاش ئالامەت يۈز بېرىدۇ.