ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارجىگەر كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

جىگەر كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1) قىياقنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ، يېرىم جىڭغا يېرىم جىڭ شېكەر قوشۇپ سوقۇپ ، تالقانلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش مىسقالدىن كاپ ئېتىشنى داۋام قىلسا ، كۆزى ۋە بەدىنى سارغايغان جىگەر كېسەللىكىگە ئۈنۈم بېرىدۇ .

2) پاقا يوپۇرمىقى بىلەن مامكاپتىن ئىككى سەردىن ئېلىپ ، پاكىز يۇيۇپ ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، بىر قېتىم قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىدۇ . بۇ دورىنى ئىچىشتىن ئىلگىرى كىچىك چىلاننىڭ يېرىمىدەك زەمچىنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ ، ئاندىن يۇقىرىقى دورىنى ئىچىش لازىم ( زەمچىنى كۈندە بىر قېتىم ئىچسە بولىدۇ ) .

3) كاسىنە ئۆسۈملۈكىدىن بىر سەرنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا قايتا سۈزۈپ ئېلىپ قويۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن ئىلگىرى بىر پىيالە دورا سۈيىگە بەش مىسقال شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان جىگەر كېسەللىكىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

4) بەش مىسقال (15گرام ) ئارپىبەدىيان ، ئىككى يېرىم مىسقال ( يەتتە يېرىم گرام ) ئىت ئۈزۈمىنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىنى قايتا سۈزۈپ ، ئۇنىڭغا بەش مىسقال قىزىلگۈل قەنتى ، ئۈچ مىسقال ھەسەل سېلىپ ئېرىتىپ ، ھەر كۈنى بىر قېتىم ناشتىدىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قىزىتىپ ، كۆڭۈل ئېلىشىشنى ياخشىلايدۇ .

5) ئەمەن ، سېرىق ھېلىلە ، ئىگىرنىڭ ھەر بىرىنى بىر يېرىم سەر ( 45گرام ) دىن ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ ، چىڭسەينىڭ تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىغان قىيام بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ چوڭراق نوقۇتتەك كۇمىلاچ قىلىپ ، چوڭلارغا كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش دانە ، كىچىك بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ بېرىلسە تېز ۋە ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكىنى ياخشىلايدۇ ، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ .

6) بىر جىڭ سىركىگە يەتتە سەر ( 200 گرام ) ئاق شېكەرنى قوشۇپ ، شېكەر ئېرىگەنگە قەدەر يەڭگىل ئوتتا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا كىچىك تۆمۈر قوشۇقتا بىرنى تاماقتىن كېيىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، جىگەر كېسەللىكىگە ھەمدە جىگەر ياللۇغىغا ئۈنۈمى ياخشى .

7) ئارپىبەدىيان ، چىڭسەي يىلتىزى قوۋزاق دارچىننىڭ ھەر بىرى ئۈچ يېرىم مىسقالدىن ئېلىنىدۇ . بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ چالىراق سوقۇپ ، ھەر قېتىمدا چوڭ بىر چىمدىمنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل جىگەر كېسەللىكىگە ۋە جىگەرنىڭ ئىششىقىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

8) ئەمەن ، قىزىلگۈل ( قۇرۇتقىنى ) سۇمبۇل ، دارچىنلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ سۇقۇپ تالقانلاپ . تۇخۇمنىڭ ئېقى ياكى سېرىقىغا ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ، جىگەر ساھەسىنىڭ سىرتىدىن چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ، ھەر خىل جىگەر كېسەللىكىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

9) ئاقمۇچ بەش مىسقال ، زىرە ئۈچ مىسقال ، پىننە بىر مىسقال ئېلىنىدۇ . بۇلارنى سوقۇپ تالقانلاپ ، تاماققا ھەر قېتىمدا ئىككى – ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ، تاماققا سىركىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنسا ، جىگەر كېسەللىكىدىن بولغان كۆڭۈل ئېلىشىش ، ئىشتىھاسىزلىق ۋە قىزىتمىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى بار .

10 ) سىركىدىن مەلۇم مىقدارنى كىچىكرەك بىر شېشىگە قاچىلىۋېلىپ ، ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا پۇراپ تۇرۇشنىڭ جىگەر كېسەللىكىنى ياخشىلاش رولى بار .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:06:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ