1. ئوزۇقلىنىش نورمال بولماسلىق: دائىم قۇۋۋەتسىز تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، سوغۇق تەبىئەتلىك ئىچىملىك، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، سۇ، پىۋىنى دائىم كۆپ ئىچىش، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى، قان بېسىمىنى چۈشۈرگۈچى يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ .
2 . بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى: ئاشقازان، جىگەر خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە ياخشى سۈمۈرۈلمەي، قان، مەنىي ئاز پەيدا بولۇش ياكى پەيدا
بولالماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3 . جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى مەسىلەن: ئۇرۇقدان سىلى، زەكەر ئىستىرخاسى، مەزى بېزى ياللۇغى، بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ .
4 . مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى، تۆت خىلىت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ نورمالسىزلىقى، بولۇپمۇ بەلغەم خىلىتىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن پەيلەر بوشاپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
5 . يۈرەك، مېڭە قاتارلىق رەئىس ئەزالاردىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6 . روھىي ئامىللار : جىددىيلىشىش، تارتىنىش، ھەددىدىن زىيادە خىجىل بولۇش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش، روھىي زەربە قاتارلىق نېرۋا ئاجىزلىق ئامىللىرىمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
7. قولدا لەززەتلىنىش، جىنسىي ئالاقە كۆپ بولۇشى، پاھىشۋازلىق، ئاشنىدارچىلىق ئامىللىرىمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
8 . ناچار ئادەتلەر : ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، ئەپيۈن، نەشە قاتارلىق مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، چېكىملىك دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىشتىن جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ .
9 . قان بېسىم چۈشۈرگۈچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، تىنچلاندۇرغۇچى ، مەست قىلغۇچى، سۈرگۈچى دورىلارنى دائىم ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ .
10. تاشقى ئامىللار : ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، سوغۇقتا توڭلاپ كېتىش قاتارلىق ئامىللاردىنمۇ جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ .
11 . بەزى ئامىللار : دىئابىت كېسەللىكى ، ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك، زەكەر نېرۋىسىنى، قان تومۇرنى زەخىملەندۈرگەن بىر قىسىم ئوپېراتسىيىلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.