ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىجىنسىي ئالاقەدە يىگىت ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

جىنسىي ئالاقەدە يىگىت ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جىنسى ئالاقە ساقلىق ۋە كېسەللىىنىش بىلەن زۈرۈر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى ھۆكۈمالار « ساقلىقتىكى چىقىرىش» بابىغا كىرگۈزگەن.

جىنسى ئالاقە ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار تۇپىدىكى ئەر بىلەن ئايال ياكى چىشى بىلەن ئەركەك ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدىغان بىر خىل جىنسى مۇناسۋەت بۇلۇپلا قالماي بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى جانلىق مەخلۇقات، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار ۋە گىياھلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە مەۋجۈت بولغان ئۇرۇق-نەسىل قالدۇرۇش، ئۆز نەسلىنى ئەبەدى داۋاملاشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان بىر خىل تەبئى تەققەززە ۋە تەبئى ئىستەكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پائاليەت كۆزگە كۈرۈندىغان جانلىقلاردا بۇلۇپلا قالماي، مىكروسكۇپ ئاستىدا كۆرگىلى بۇلىدىغان ئۇششاق جاندارلاردىمۇ مەۋجۈت. مەخلۇقات ئارسىدا جىنسى ئالاقە مۇناسىۋىتى توختايدىكەن، شۇ مەخلۇقنىڭ نەسلى تۈگەيدۇ دەپ قارىلىدۇ.

جىنسىي ئالاقەدە يىگىت ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يىقىنقى زاماندىن بۇيان دۇنيادا جىنىسى ئالاقە مەسلىسى قانداقتۇر «جىنىسى ئەركىنلىك» دېگەن غايەت زور زىيانلىق شۇئار تۈپەيلدىن، ئېغىر ئىجتىمائى، ئەخلاقى ۋە خەتەرلىك كېسەللىك مەسلىلەرنى تۇغدۇردى.

ھايۋانلاردا، ئۆسۈملۈكلەردە جىنسى ئالاقە نۇقۇل نەسىل قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەبئىي تەققەززا ئاساسىدا ئاڭسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەمما، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ھىسابلىندىغان ئىنسانلار بۇ پائاليەت نەسىل قالدۇرۇش مەسلىسىدىن ھالقىپ شەھۋانى لەززەتلىنىش مەسلىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ناھايىتى نۇرغۇن ئىجتىمائى پاجئەلەرگە سەۋەپچى بۇلۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن 21- ئەسىرگە كەلگەندە، غەيرى قانۇنىي ئەخلاقسىز جىنسى ئالاقە ئىشلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن راك كېسەلىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەھتىدلىك بولغان «ئەيدىز» كېسەلىكىنى تارقاتقۇچى تۈپ ئامىل بۇلۇپ قالدى. ئەيدىز كىسەلىكىگە قارشى تۇرۇش، ئۆز ئەۋلادى، ئۆز مىللىتى، ۋەتەنداشلىرنىڭ سالامەتلىكى، ھاياتى، پاراۋان تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر بىر شەخىس جىنسى ئالقىسىنى قانۇنىي، ئەخلاقى يول بىلەن ئېلىپ بېرىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئىلمى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بۇلىشى، تەشۋىقات قىلىشى زۈرۈر.

ئىلىمى قائىدە ۋە ئىنسانى ئەخلاققا مۇۋاپپىق نورمال ئېلىپ بېرىلدىغان جىنسى ئالاقە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغىىندەك، ئۇنى مۇتلەق تەرىك ئىتىش، ۋاقتى يەتكەندە ئۆيلەنمەسلىكمۇ ئىنسان تەبئى ھاياتىنىڭ قانۇنيىتى، تەلىپى ۋە تەققەزاسىغا خىلاپ ئىشتۇر.

ئىنسان ئۆمرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا يەنى ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق مەزگىللىردە ئەر ياكى ئايال بولسۇن، جىنسى ئالاقە ئۈچۈن مۇۋاپىق مەزگىل ۋە ئىلمى قائىدىلەر بۇلىدۇ.

يۇقۇرقىلارغا رىئايە قىلغاندا، جىنسى ئالاقىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كىلىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغاندا، سالامەتلىك، ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتلەردىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن زىيانلىق ۋە خەتەرلىك نەتىجىلەر كىلىپ چىقىشى چۇقۇم. ئىنسانلار 15~25 ياشلار ئارلىقىدا بالاغەتكە يىتىدۇ. يەنە ئۇنىڭدا جىنسى شەھۋانى تەلەپ ئويغىندۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ياخشى، ئەمما ئۆيلىنىش يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم.

جىنسى ئالاقە مەسلىسىىنىڭ ئادەمنىڭ ئۆمۈر كۆرىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئۇنىڭ نورمال بۇلىشى تېز قېرىماسلىق ئۈچۈن پايدىلىق. جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇلىنىش تېز قېرىش ۋە تېزراق ئۈلۈش ئۈچۈن ئالدىرغانلىق بۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياش ۋە بەدىنى ساغلام ئادەملەردە جىنىس ئالاقە ھەپتىسىگە 3-2 قېتىمدىن ئارتۇق بولماسلىقى لازىم. ھەپتىدە بىر قېتىم ئۈتۈلگىنى مۇۋاپىق. 30-40 ياش ئارلىقىدا ھەر ئىككى قېتىملىق جىنىسى ئالاقە ئارلىقى بىر ھەپتىدىن كەم بولماسلىقى لازىم. 50 ياشتىن ئاشقاندا تەبئى تەلەپنىڭ تەقەززا قىلىشى بويىچە ئايدا بىر ئىككى قېتىم، 60 ياشتىن ئاشقاندا تەرىك ئەتسىمۇ بۇلىدۇ ياكى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزسىمۇ بۇلىدۇ. 60 ياشتىن ئاشقاندا بۇ مەسلە ئۆزلىكىدىن توختاشقا باشلايدۇ. يۇقۇرقى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغانلار 60-70 ياش بەلكى 80 ياشقىچە توختىماسلىقى؛ قائىدىگە رىئايە قىلمىغاندا 40-50 ياشلاردا كاردىن چىقىشى مۇمكىن.

شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى، بالاغەتكە يېتىش دەۋرى توشماي ھەمدە ئۇقۇش ۋەزىپىسى تۈگىمەي تۇرۇپ ھەر خىل شەھۋانى رومان، ھىكايىلەرگە بىرىلىش، شەھۋانى رەسىم كىنولارنى كۆرۈش، ياش ئۆسمۈرلەردە شەھۋانى ھىسياتنى مەزگىلدىن بۇرۇن قوزغاپ، ئۇلارنى ناچار سۆھبەت، ناچار قىلىقلار بىلەن شۇغۇلىنىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار جىسمانى جەھەتتىن زەئىپلىك، ئەقىل جەھەتتىن دۆتلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى بۇزىدۇ. جەميەتنىڭ تەلىپىدىن چىقالمايدۇ. بەزىلەر ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك نەرسە جىنىسى ئالاقىدىكى «لەززەت» دەپ تۇنۇيدۇ ۋە داۋاملىق شۇ خىيالدا يۈرۈيدۇ. بۇ ئىنتايىن پەسكەش ھايۋانى خىيال. ئىنسان شەھۋانىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك تۆھپىلەرنى قۇشۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن جىنسى ئالاقىنى نەسىل قالدۇرۇش يۇلىدىكى بىر خىل نورمال ھەركەت دەپ بىلىپ، نورمالنى شۇغۇلىنىش لازىم.

جىنىسى ئالاقە مەسلىسىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:

  1. كېسەللىكتە، ئەقەللىسى تۇمۇقۇپ قالغاندىمۇ جىنسى ئالاقە قىلماسلىق لازىم.
  2. ھېيىز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئىككى ئيىدا ھەرگىز جىما قىلماسىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر- ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ.
  3. قورساقنى تويغۇزۇپلا جىما قىلىش زىيانلىق.
  4. جىمادىن كىيىنلا سوغوق نەرسىلارنى يېيىش ۋە ئىچىش، سوغوق سۇدا ئىستىنجا قىلىش ئىنتايىن زىيانلىق.
  5. ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ ئادەملەر بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىش ئادەمنى كاردىن چىقىردۇ.
  6. نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ۋە شەككىلەر بىلەن جىما قىلىش ھەر ئىككەيلەننى ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.
  7. زىنا قىلىش ئەخلاقى، قانۇنى نىزاملارغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك بۇلۇپلا قالماي، شۇنىڭدەك ئىنسانيەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق. سىفلىس، سۆزنەك سۈيدۈك يولى جاراھەتلىرى، جىنسى ئەزا ياللۇغى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەيدىز كېسەللىكى دەپ ئاتالغان دەھشەتلىك كېسەلىكلەرنىڭ ھەممىسى پاھىشۋازلىق ۋە قەبىھ شەھۋانى جىنسى ئالاقىدىن تارقالماقتا. ئۇ يىرگىنىشلىك جىنسى ئەركىنىلىكنىڭ ئىپلاس نەتىجىسىدۇر.
  8. لەۋۋاتلىق ( ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى ) سالامەتلىك ۋە ئىنسانى شەرەپ غۇرۇر ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق شەرمەندە ھەركەتتۇر. خۇددى زىناغا ئوخشاشلا ئەيدىز كىسەللىكى لەۋۋاتلىق ئارقىلىقمۇ يۇقۇپ تارقالماقتا.
  9. قانداقتۇر « لەززەتلىنىش » نى ئۈمۈد قىلىپ، ۋاقىتسىز قۇۋۋەت دورىسىنى ئىشلىتىش، قوزغاتقۇچى، مەسىت قىلغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىستىمال قىلىش جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى بالدۇرراق كاردىن چىقىردىغان خاتا چارىدۇر.

يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كىچىك بالىلار ھەم بويىغا يەتكەن قىز- يىگىت بار جايدا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قالايمىقان چاقچاقلاشماسلىقى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدە سۆز قىلىشماسلىقى، كىچىك بالىلار بار ئۆيدە بىرگە ياتماسلىقى لازىم.

يۇقۇرقىلارغا دىققەت قىلغان ۋاقىتتا ئۆسمۈرلەر، ياشلار، چوڭلار ھەم ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى، ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانى جەھەتلەردىن نورمال يىتىلىشىگە ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:04:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ